قەرەللىك مال يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_2 2025-07-29 11:39:19

\

نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، پاختا يۇقىرى نۇقتىدا تەۋرەندى
پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپ قىسىم پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى غوزىلاشتىن چېچەكلەشكىچە بولغان باسقۇچقا كىرىپ، ئۆسۈش سۈرئىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن تۆت كۈندىن يەتتە كۈنگىچە ئالدىغا سۈرۈلدى.جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ كىلىمات مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 7-ئايدا شىنجاڭ رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى سىجىل يۇقىرىراق بولىدىكەن، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق كۈن سانىمۇ ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن، بۇ كېۋەزنى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ئىسسىقلىق زىيىنى خەۋپىگە دۇچار قىلىدىكەن.نۆۋەتتە، پاختىنىڭ ئامباردا ساقلىنىش ئومۇمىي مىقدارى سىجىل ئازايدى، لېكىن تۆۋەن ئېقىن بازارلىرىدا روشەن بولغان كاسات پەسىل ئالاھىدىلىكى نامايان بولدى، توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى خام ئەشيا سېتىۋېلىشتا بىرقەدەر ئېھتىياتچان بولدى، شۇڭا ھاۋارايى ئۆزگىرىشى ۋە تاموژنا بېجى ئېنىقسىزلىقنىڭ تەسىرىگە داۋاملىق دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.