قەرەللىك مال يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_2 2025-03-11 16:34:55

\


يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى:بۇ ئايدا 2024/25-يىللىق جۇڭگو پاختىسىنىڭ تەمىنلەش-ئېھتىياج ۋەزىيىتىنى مۆلچەرلىگەندە تەڭشەش ئېلىپ بېرىلمايدۇ

بۇ ئايدا 2024/25-يىللىق جۇڭگو پاختىسىنىڭ تەمىنلەش-ئېھتىياج ۋەزىيىتى ئالدىن مۆلچەرلىنىپ تەڭشەلمەيدىكەن. دۆلەت ئىچى بازىرىدا، پاختا سودىسىنىڭ ئامبار زاپىسى يەنىلا يېقىنقى بەش يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىدە بولۇپ، تەمىنلەش بىرقەدەر يېتەرلىك بولغان. باھار بايرىمىدىن كېيىن توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش نىسبىتىنى تەدرىجىي يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، توقۇمىچىلىق تەييار مەھسۇلاتلىرىنى ئامباردىن چىقىرىشنى تېزلەتكەن. خەلقئارا بازاردا، ئامېرىكا، بىرازىلىيەنىڭ پاختا ئېكسپورتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئاشقان، توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ بازار ئىستىقبالى ئېھتىياتچان، ئۈمىدۋار بولغان. شىمالىي يېرىم شاردا يېڭى كېۋەز تېرىش مەزگىلىگە كىرىدىكەن، كېيىنكى مەزگىلدە ئاساسلىق ھوسۇل ئالىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تېرىش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.