قەرەللىك مال يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_2 2025-02-24 11:48:15

\

ئىمپورت قىلىنغان پاختىنىڭ ئاساسلىق پورتلىرىدىكى ئامبار زاپىسى ھەپتىلىك سېلىشتۇرما نىسبىتى % 0.9 ئېشىپ، ئومۇمىي ئامبار زاپىسى 537 مىڭ 600 توننا بولغان

Mysteel دا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، ئىمپورت قىلىنغان پاخلىنىڭ ئاساسلىق پورتلىرىدىكى زاۋۇت زاپىسى ھەپتىلىك سېلىشتۇرما ئېشىش نىسبىتى % 0.5 بولغان، ئومۇمىي ئامبار قالدۇقى 537 مىڭ ئالتە توننا بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شەندۇڭ رايونىدىكى چىڭداۋ، جىنەن پورتى ھەم ئەتراپتىكى ئامبارلاردىن ئىمپورت قىلىنغان پاختىنىڭ ئامبار زاپىسى تەخمىنەن 448 مىڭ توننا بولۇپ، ھەپتىلىك سېلىشتۇرما نىسبىتى % 0.4 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 2.7 يۇقىرى بولغان؛ جياڭسۇ ۋىلايىتىدىكى جاڭجياگاڭ پورتى ھەم ئەتراپتىكى ئامبارلاردىن ئىمپورت قىلىنغان پاختىنىڭ ئامبار زاپىسى تەخمىنەن 56 مىڭ 600 توننا، باشقا پورتلاردا ئامبار زاپىسى تەخمىنەن 33 مىڭ توننا بولغان. بۇ ھەپتە پورتتىن ئىمپورت قىلىنغان پاختىنىڭ ئامبار زاپىسى ئازراق ئاشقان، تۆۋەن ئېقىندىكى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ زاكاز تالونى چەكلىك بولۇپ، ئىمپورت قىلىنغان پاختا ئاز مىقداردا ئېھتىياجغا ئاساسەن پۈتۈشۈلگەن.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.