13-نويابىر دىكى ئاچقۇچلۇق ھاۋارايدىن ئالدىن مەلۇمات

ilkan_1 2024-11-13 12:42:05

\

جۇڭگو ھاۋا رايى تورىنىڭ 13-نويابىر نۇقتىلىق ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇماتى
بىرىنچى، دۆلەت ئىچىدىكى ھاۋا رايى ئەھۋالى
( 1 ) ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلىرىدا كەڭ دائىرىدە ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.
13-چېسلادىن 14-چېسلاغىچە، غەربىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى، شىمالىي جۇڭگو، خۇئاڭخې-خۇئەيخې، جياڭخەن، جياڭخۇئەي، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى ۋە غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا غەربتىن شەرققە قاراپ ئازراق ياكى ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلاردا قار ياغىدۇ ياكى يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدۇ. 14-چېسلادىن 15-چېسلاغىچە، گۇئاڭدۇڭنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمى، خۇنەننىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، جياڭشىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدۇ.
( 2 ) «تاۋجى» ناملىق تەيفېڭ بورىنى خەينەن ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىز يۈزىگە يېقىنلاشتى.
بۇ يىلقى 23 - نومۇرلۇق تەيفېڭ بورىنى «تاۋجى» 13 - چېسلا سەھەردە كۈچلۈك تىروپىك بەلباغ بورىنىدىن تىروپىك بەلباغ بورىنىغا ئاجىزلىدى، ئەتىگەن سائەت 5 تە ئۇنىڭ مەركىزى خەينەن ئۆلكىسى سەنشا شەھىرى شىشا يۇڭشىڭ ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىغا تەخمىنەن 600 كىلومېتىر كېلىدىغان جەنۇبىي دېڭىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دېڭىز يۈزىگە جايلاشقان بولۇپ، مەركىزىنىڭ ئەتراپىدىكى ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 9 بال ( سېكۇنتىغا 23 مېتىر )، مەركىزىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھاۋا بېسىمى 990 گېكتو پاسكال. مۆلچەرلىنىشىچە، «تاۋجى» سائىتىگە 10 - 15 كىلومېتىرلىق سۈرەت بىلەن قىيپاش غەرب يۆنىلىشىگە قاراپ يۆتكىلىپ، خەينەن ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى دېڭىز يۈزىگە تەدرىجىي يېقىنلىشىدىكەن، كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئاستا - ئاستا ئاجىزلايدىكەن،14 - چېسلا چۈشتىن كېيىن غەربكە قىيپاش جەنۇب يۆنىلىشىگە قاراپ يۆتكىلىپ، كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى تەدرىجىي ئاجىزلايدىكەن.
ئىككىنچى، يەر شارى ھاۋارايى ئەھۋالى
( 1 ) تەيفېڭ بورىنى «تيەنتۇ» فىلىپپىن قاتارلىق جايلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، «تيەنتۇ» ناملىق تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىدە، فىلىپپىننىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە لۇزون ئارىلىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا پەۋقۇلئاددە زور قارا يامغۇر يېغىپ، يۇقىرىقى رايونلاردا 9 بالدىن 11 بالغىچە ئۆتكۈنچى شامال چىقىدىكەن،12 بالدىن 14 بالغىچە بوران چىقىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا،13 - نويابىر، «كۈمۈش ئۆرۈك» قالدۇق ئايلانما ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ۋيېتنامنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، لائوسنىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن.
( 2 ) ئوتتۇرا ئاسىيا، كانادا قاتارلىق جايلاردا كەڭ دائىرىدە قار، يامغۇر ياغىدۇ ۋە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ.
كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆپ قىسمى، ئىران، ئافغانىستاننىڭ شىمالىي قىسمى، موڭغۇلىيەنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى، غەربىي سىبىرىيە، كانادا، ئامېرىكا قاتارلىق جايلاردا بىر قەدەر كەڭ دائىرىدە قار - يامغۇر ياغىدىكەن ۋە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، كانادانىڭ ئوتتۇرا قىسمى، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، موڭغۇلىيەنىڭ شىمالىي قىسىمى، رۇسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسىمى قاتارلىق جايلاردا قاتتىق قار ياغىدىكەن يۇقىرىقى رايونلاردا يەنە تېمپېراتۇرا 6 سېلسىيە گىرادۇستىن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ، قىسمەن جايلاردا تېمپېراتۇرا 14 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تۆۋەنلەيدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.