قەرەللىك مال يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_2 2024-11-13 11:24:12

\


ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبىدىن ICE قەرەللىك پاختا باھاسى چۈشكەن

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەيشەنبە كۈنى قىتئەلەر ئارا سودا ئورنىدا ( ICE ) قەرەللىك پاختا باھاسى چۈشۈپ، تۈپ توختام% 1.6 تۆۋەنلىگەن، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ 12-ئايدىكى پېيى 3-ئايغا يۆتكەلگەنلىكتىن، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆرلىشى ۋە چىكاگو ئاشلىق بازىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىمۇ قەرەللىك پاختىغا بېسىم پەيدا قىلغان. ئامېرىكا VLM تاۋار شىركىتىنىڭ تەھلىلچىسى بابېللا مۇنداق بىلدۈرگەن:بۇ، يېقىنقى مەزگىلدە توختام مۇددىتى توشقاندىن كېيىنكى نورمال ئەھۋال، فوندنىڭ ئامبارغا كۆچۈشى قەرەللىك پاختىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئالدىنقى ھەپتە ترامپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەشكە باشلىغان. باشقا يۈزلىنىشلەرنىڭ ھەممىسى پاسسىپ. سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئاساسلىق پۇلغا ئالماشتۇرۇلىدىغان پېرېۋوت نىسبىتى تۆت ئايدىن يۇقىرى نۇقتىغا ئۆرلىگەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.