14-ئۆكتەبىردىكى ئاچقۇچلۇق ھاۋارايدىن ئالدىن مەلۇمات

ilkan_1 2024-10-14 12:19:34

\

جۇڭگو ھاۋا رايى تورى 14 - ئۆكتەبىر نۇقتىلىق ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇماتى
بىرىنچى، دۆلەت ئىچىدىكى ھاۋا رايى ئەھۋالى
1. كەلگۈسى ئۈچ كۈن چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمى، يۈننەن، گۇيجۇ، گۇئاڭشى، خۇنەن، جياڭشى قاتارلىق جايلاردا يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆپ بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يۈننەننىڭ شەرقىي قىسمى، گۇيجۇنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى، گۇئاڭشىنىڭ شىمالىي قىسمى، خۇنەننىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى، جياڭشىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياكى قاتتىق قارا يامغۇر ياغىدۇ؛ ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي قىسمى، خېيلۇڭجياڭنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى، شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە غەربىي قىسمى، چىڭخەينىڭ جەنۇبىي قىسمى، شىزاڭنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قېلىن قار ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قېلىن قار ياغىدۇ.
2. مۆلچەرگە قارىغاندا، 14 - ئۆكتەبىر ئەتىگەندىن چۈشتىن بۇرۇنغىچە، خېبېينىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى، بېيجىڭ، تيەنجىننىڭ غەربىي قىسمى، شەندۇڭنىڭ غەربىي قىسمى، سەنشىنىڭ ئوتتۇرا شەرقىي قىسمى، شەنشىنىڭ شىمالىي قىسمى، خېنەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمى ۋە جەنۇبىي قىسمىدىكى قىسمەن رايونلار، خۇبېينىڭ ئوتتۇرا قىسمى قاتارلىق جايلاردا قويۇق تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، خېبېينىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى، بېيجىڭنىڭ غەربىي قىسىمى، سەنشىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، شەنشىنىڭ شىمالىي قىسمى، خۇبېينىڭ ئوتتۇرا قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا كۆرۈش ئارىلىقى 500 مېتىردىن تۆۋەن قويۇق تۇمان بولىدۇ قىسمەن جايلاردا 200 مېتىرغا يەتمەيدىغان قويۇق تۇمان بار.
2.خەلىقئارالىق ھاۋا رايى ئەھۋالى
1. كەلگۈسى ئۈچ كۈن كۈچلۈك سوغۇق ھاۋانىڭ شەرققە سۈرۈلۈشىنىڭ تەسىرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شەرقىي قىسمى، موڭغۇلىيەنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا تېمپېراتۇرا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 6 سېلسىيە گىرادۇستىن 12 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ، قىسمەن رايونلاردا تېمپېراتۇرا 14 سېلسىيە گىرادۇستىن 18 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ ھەمدە 4 - 6 بال شامال چىقىدۇ، قىسمەن جايلاردا شامال كۈچى 7 - 8 بالغا يېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمى، موڭغۇلىيەنىڭ ئوتتۇرا، شىمالىي قىسمىدا قار - يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ، قازاقىستاننىڭ شىمالىي قىسمى، موڭغۇلىيەنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇراھال ۋە قېلىن قار ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قېلىن قار ياكى قېلىن قار ياغىدۇ.
2. كەلگۈسى ئۈچ كۈن سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ۋە مۆتىدىل بەلباغ سىكلونىنىڭ شەرققە سۈرۈلۈشىنىڭ تەسىرىدە، ياۋروپانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھۆل ـ يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە نورۋېگىيە، شۋېتسىيىنىڭ غەربىي قىسمى ۋە شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئاز ياكى ئوتتۇراھال قار ياكى يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قېلىن قار ياغىدۇ؛ پورتۇگالىيىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئىسپانىيە، بېلوروسىيىنىڭ شەرقىي قىسمى، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمى، روسىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدۇ. شەرقىي ياۋروپانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃ 4 تىن ℃ 8 قىچە، قىسمەن رايونلاردا ℃ 01 تىن ℃ 21 قىچە تۆۋەنلەيدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.