قەرەلىك مال يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_4 2024-09-16 16:04:49

\

1.ئۇكرائىنانىڭ 2024/25-يىللىق ئاشلىق ئېكسپورت مىقدارى 8 مىليون 700 مىڭ توننىغا يەتتى
9 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى خەۋىرى، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 9 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنىگە قەدەر، ئۇكرائىنانىڭ 2024/25 يىللىق ( 7 ـ ئايدىن 6 ـ ئايغىچە ) ئاشلىق ئېكسپورت مىقدارى 8 مىليون 700 مىڭ توننىغا يەتكەن، ھالبۇكى، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ( 9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنىگىچە ) 5 مىليون 900 مىڭ توننا بولغان. بۇ ئېكسپورت مىقدارى 4 مىليون 800 مىڭ توننا بۇغداي، 2 مىليون 500 مىڭ توننا كۆممىقوناق ۋە 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئارپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ۋە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى 2024/25 يىللىق بۇغداي ئېكسپورتىنى 16 مىليون 200 مىڭ توننا قىلىپ چەكلەشكە قوشۇلدى. باشقا تاۋارلارنىڭ ئېكسپورتىغا چەك قويۇلمايدۇ. بۇ مىنىستىرلىق مۇنداق بىلدۈردى:9-ئايدىن ھازىرغىچە، سودىگەرلەر 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئاشلىق ئېكسپورت قىلدى. بۇلتۇر 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن 20 ـ كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارى 1 مىليون 300 مىڭ توننا بولغان.

2.ساڭجوۋ ئاشلىق كەسپى گۇرۇھى يېڭىدىن 100 مىڭ توننا بۇغداي سېتىۋالدى
9-ئاينىڭ 16-كۈنى خەۋىرى، بۇ يىل، ساڭجوۋدا بۇغدايدىن خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل ئېلىندى، بۇغداينىڭ سۈپىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە تۇردى. ساڭجوۋ ئاشلىق كەسپى گۇرۇھى سىغىمچانلىقى بولغان ئامبارنى مۇددەتتىن بۇرۇن تەييارلاپ، سىغىمچانلىقى 55 مىڭ توننا بولغان ئامبارنى سىرتتىن ئىجارىگە ئېلىپ، سېتىۋېلىش نۇقتىسىدىن بەشنى تەسىس قىلىپ، سېتىۋېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، ھازىرغا قەدەر، جەمئىي 100 مىڭ توننا يېڭى ھوسۇللۇق بۇغداي سېتىۋالدى.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.