ئەتىگەنلىك زاكاز مال مۇھىم خەۋەرلىرى

ilkan_4 2024-09-16 12:55:16

\

1.شاڭخەي سۇ تىرانسپورتى سودا ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە، شاڭخەينىڭ ئېكسپورت يۈك ساندۇقلىرىنىڭ توشۇش ھەققى كۆرسەتكۈچى ( ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى ) 2510.95 نۇقتىغا يېتىپ، ئالدىنقى زاكاز مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 215.63 نۇقتا تۆۋەنلىگەن؛ جۇڭگونىڭ ئېكسپورت يۈك ساندۇقلىرىنىڭ كىرا ھەققى ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى 1818.31 نۇقتا مەلۇم بولۇپ، ئالدىنقى مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 4.9 تۆۋەنلىدى.
2.دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىگە ئاساسلانغاندا، 8-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى ( CPI ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 0.6 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت كېڭەيگەن؛ ئالدىنقى ئىستاتىستىكا ئېيىغا قارىغاندا% 0.4 ئاشقان؛ جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 3 تىرىليون 872 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 2.1 ئاشتى. 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، ئۆي-زېمىن تەرەققىيات سېلىنمىسى % 10.2 تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 1-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان بىلەن تەڭلەشكەن.
3.Mysteel نىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىچە 247 پولات زاۋۇتىنىڭ دومنا پېچتا ئىش باشلاش نىسبىتىنى 77.63% بولدى، سېلىشتۇرما نىسبىتى ئالدىنقى ھەپتىدىكى بىلەن تەڭلەشكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6.44 پىرسەنت پوئېنت ئازايدى؛ دومنا پېچتا تۆمۈر تاۋلاش بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى % 83.89 بولۇپ، ھالقىسىمان سېلىشتۇرما ئېشىش نىسبىتى 0.29 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8.76 پىرسەنت پوئېنىت ئازايدى؛ پولات زاۋۇتىنىڭ پايدا نىسبىتى % 6.06 بولۇپ، ھالقىسىمان سېلىشتۇرغاندا 1.73 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 36.80 پىرسەنت پوئېنت ئازايدى؛ كۈندىلىك تۆمۈر سۇ مەھسۇلات مىقدارى 2 مىليون 233 مىڭ 800 توننا بولۇپ، ھالقىسىمان سېلىشتۇرغاندا 7700 توننا ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 244 مىڭ 600 توننا ئازايدى.
4.Mysteel مەملىكەت بويىچە 45 پورتتىن ئىمپورت قىلىنغان تۆمۈر رۇدىسىنىڭ ئامبار زاپىسى ئومۇمىي مىقدارى 153 مىليون 835 مىڭ 400 توننا بولۇپ، ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى 254 مىڭ 100 توننا تۆۋەنلىدى، 45 پورتنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە شالاڭلىتىش مىقدارى 3 مىليون 116 مىڭ توننا بولۇپ، سېلىشتۇرما نىسبىتى 88 مىڭ 600 توننا ئاشتى.
5.Mysteel غا ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ھىندىستاندىكى دۆلەت ئىلكىدىكى ئەڭ چوڭ تۆمۈر رۇدىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى NMDC تۆمۈر رۇدىسى يىللىق مەھسۇلات مىقدارىنى 2024-يىلىدىكى مالىيە يىلىدىكى 45 مىليون توننىدىن 2025-مالىيە يىلىدىكى 67 مىليون توننىغا ئۆستۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا 2030-يىلىدىكى 100 مىليون توننىلىق ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان.
6.پولات-تۆمۈر، بانكا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ھەپتە شەھەر ئومۇمىي ئامبىرىنىڭ ساقلانما مىقدارى 8 مىليون 703 مىڭ توننا بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا سېلىشتۇرما نىسبىتى 698 مىڭ 800 توننا (-7.43%) ئازايغان، بۇ، 39 شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، جەمئىي 147 ئامبار.
7.Wind سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە، ئۆزى كۆپەيتكەن، ئۆزى باققان تىرىك چوشقا باقمىچىلىقىنىڭ پايدىسى ھەر تۇياققا 548.30 يۈەن، 9-ئاينڭ 6-كۈنى ھەر تۇياققا 559.36 يۈەن پايدا بولغان؛ سىرتتىن سېتىۋېلىنغان چوشقا كۈچۈكى باقمىچىلىقىنىڭ پايدىسى ھەر تۇياققا 364.56 يۈەن، 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ھەر تۇياققا 359.80 يۈەن پايدا بولدى.
8.كانادا دانلىق زىرائەت كومىتېتى ( Canadian Grain Commision ) ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە، كانادانىڭ قىچا ئېكسپورت مىقدارى ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن % 24.9 تىن 131 مىڭ 500 توننىغىچە ئازايغان، ئالدىنقى بىر ھەپتىدە 175 مىڭ توننا ئازايغان.
9.Mysteel يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرىكەت ھالىتىدىكى تولۇق ئەۋرىشكە ياغ زاۋۇتىغا قارىتىلغان تەكشۈرۈش ئەھۋالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 37-ھەپتە ( 9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە ) ياغ زاۋۇتىدا دادۇرنىڭ ئەمەلىي سىقىپ چىقىرىلىش مىقدارى 2 مىليون 238 مىڭ 500 توننا بولۇپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش نىسبىتى % 64 بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 91 مىڭ 200 توننا تۆۋەن ئىكەن.
10.ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ( USDA ) ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەل ئارا ئېكسپورت سودىگەرلىرى جۇڭگوغا 100 مىڭ توننا دادۇر ئېكسپورت قىلىپ سېتىپ، 2024/2025-يىلى مال تاپشۇرغان. ئامېرىكىنىڭ دادۇر يىلى 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلىنىدۇ.
11.پاراخوت تىرانسپورتىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى SGS ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مالايسىيانىڭ 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە پالما مېيى ئېكسپورت مىقدارى 274 مىڭ 853 توننا بولۇپ، ئالدىنقى ئاينىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە ئېكسپورت قىلىنغان 489898 توننىغا سېلىشتۇرغاندا% 43.9 ئازايغان.
12.لۇڭجۇڭنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 9-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە دۆلەت ئىچىدىكى PVC نىڭ جەمئىيەت ئامبار زاپىسى سېلىشتۇرما نىسبىتى % 3.51 تىن 498 مىڭ 300 توننىغىچە ئازىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 13.07 ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە خۇادۇڭ رايونىنىڭ 457 مىڭ 100 توننا بولۇپ، ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى % 3.63 ئازىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 20.01 ئاشقان.
13.ئاۋسترالىيە پىلبالا پورت باشقۇرۇش ئىدارىسى ( PPA ) نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مونتېلاند پورتىنىڭ 8-ئايدا لىتىيلىق پىروكسېن سەرخىل رۇدىسى ئېكسپورت قىلىنغىنى 132 مىڭ 396 توننا، 7-ئايدا 92 مىڭ 533 توننا بولغان؛ بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىنغىنى 101 مىڭ 116 توننا، 7-ئايدا 92533 توننا بولدى.
14.Mysteel غا ئاساسلانغاندا، ياباۋ 2024-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى Metalshub سۇپىسىدا خىمىيەلىك دەرىجىلىك لىتىيلىق پىروكسېن رۇدىسى بويىچە خېرىدار بولۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. بۇ قېتىمقى خېرىدار چاقىرىش 16200 توننا خىمىيە دەرىجىلىك لىتىيلىق پىروكسېن بولۇپ، دەرىجىسى% 5 تىن% 6 كىچە، دانچىسىنىڭ دىيامېتىرى 0.125 مىللىمېتىرغىچە، ئاۋسترالىيە Wodgina دىن ئىشلەپچىقىرىلغان، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشتا پۈتۈشۈلگەن باھاسى 808 دوللار/توننا ( ئالتىگە سۇندۇرۇلىدۇ ) CIF جۇڭگو باھاسى، ھەر توننا لىتىي كاربوناتقا سۇندۇرۇلدى ( باج باھاسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ).
15.خەلقئارا قىممەت مېتال زاكاز مېلى ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىدى، COMEX ئالتۇن زاكاز مېلىنىڭ ھەر ئۇنسىيە باھاسى % 0.99 ئۆرلەپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، شۇ ھەپتىدە جەمئىي % 3.23 ئۆرلىدى، COMEX كۈمۈش زاكاز مېلىنىڭ باھاسى % 3.18 ئۆرلەپ، ھەر ئۇنسىيە 31.065 دوللار بولدى، شۇ ھەپتىدە تەخمىنەن % 10.23 ئۆرلىدى.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.