قەرەرلىك مال ئېنىرگىيە ئۇچۇرلىرى

ilkan_1 2024-08-09 12:31:13

\

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى: دۆلەت ئىچىدە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېچىش كەسپىنىڭ باھاسى %3.0 ئۆرلىدى.
7-ئايدا سېلىشتۇرما نىسبەتتىن قارىغاندا ،PPI 0.2 %تۆۋەنلىگەن ،تۆۋەنلەش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكى بىلەن ئوخشاش بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ باھاسى 0.3 %تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت كېڭەيگەن؛ تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكى 0.1 %تۆۋەنلەشتىن نورمال ھالەتكە ئۆزگۈرۈپ، خەلقئارا يۇقتۇرما ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، دۆلەت ئىچىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېچىش كەسپىنىڭ باھاسى %3 ئۆرلىگەن؛
رەڭلىك مېتال تاۋلاش ۋە يېسسىلاپ پىششىقلاش كەسپىنىڭ باھاسى %0.4 تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە مىس تاۋلاش باھاسى %1.6، ئاليۇمىن تاۋلاش باھاسى %0.2 تۆۋەنلىگەن. كۆمۈرگە بولغان ئېھتىياج ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، كۆمۈر قېزىش ۋە يۇيۇپ تاللاش كەسپىنىڭ باھاسى ئىزچىلىقىنى ساقلىغان.
ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ داۋاملىق تەڭشىلىشى ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق، كۆپ يامغۇرلۇق ھاۋا رايى بىناكارلىق قۇرۇلۇشىغا تەسىر كۆرسەتتى، پولات ماتېرىيال، سېمونت قاتارلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بازىرىنىڭ ئېھتىياجى يەنىلا ئاجىز بولدى، قارا مېتال تاۋلاش ۋە يېسسىلاپ پىششىقلاش كەسپى، مېتاللوئىد مىنېرال مەھسۇلاتلىرى كەسپىنىڭ باھاسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %1.7 ۋە %0.6 تۆۋەنلىگەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.