قەرەلىك مال يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_4 2024-08-09 12:17:16

\

1. دانلىق زىرائەت سودا ئورنى يامغۇر ئارگېنتىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونىدىكى بۇغداي بېسىمىنى يېنىكلەتتى، دېدى
8-ئاينىڭ 9-كۈنى خەۋىرى، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇئېنۇس ئايلىس دانلىق زىرائەت سودا ئورنى ( BdeC ) پەيشەنبە كۈنى مۇنداق بىلدۈردى:ئارگېنتىنادا يېقىندا ياغقان يامغۇر بۇ دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بۇغداي تېرىش رايونىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلەتتى، غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ زىرائەت ئەھۋالى قۇرغاقچىلىق ۋە سوغۇق بولۇش سەۋەبىدىن داۋاملىق ئېغىرلاشتى. ئارگېنتىنا پۈتۈن يەر شارىدىكى مۇھىم بۇغداي ئېكسپورت دۆلىتى، BdeC نىڭ ئېيتىشىچە، 2024/25-يىللىق ئارگېنتىنانىڭ بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 6 مىليون 300 مىڭ گېكتار ئىكەن. بۇ سودا ئورنى زىرائەت ھەپتىلىك دوكلاتىدا مۇنداق دېدى:«دېھقانچىلىق رايونىنىڭ شەرقىي قىسىم گىرۋىكىدىكى رايونلاردا ئوخشاش بولمىغان قاتتىق يامغۇر يېغىپ، زىرائەتلەرنىڭ ئەھۋالى مەلۇم دەرىجىدە ياخشىلاندى، نۆۋەتتە زىرائەتلەرنىڭ ئەھۋالى نورمال بىلەن ياخشى ئارىلىقىدا بولۇۋاتىدۇ. BdeC تولۇقلاش قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ ئالامەتلەر بارغانسېرى روشەنلەشتى.» بۇ سودا ئورنى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يېزا ئىگىلىك كىلىمات دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە پەقەت بۇ دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى يېزا ئىگىلىك رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن. 2023/24-يىللىق كۆممىقوناق توغرىسىدا، BdeC ئورۇش نىسبىتىنىڭ % 96.3 ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، كۆممىقوناق ھوسۇلىنىڭ 46 مىليون 500 مىڭ توننا بولۇشى مۆلچەرلەندى.
2. 2024-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇخۇمنىڭ باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى
8-ئاينىڭ 9-كۈنى خەۋىرى، بۈگۈن تۇخۇم باھاسى داۋاملىق كۆرۈنەرلىك ئۆستى. يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىدا تۇخۇم توخۇسىنىڭ تۇخۇم تۇغۇش نىسبىتى سەل تۆۋەنلىدى، تۇخۇم بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئازادىلىك دەرىجىسى ئاجىزلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساياھەت قىسمەن يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىغا تۈرتكە بولغاچقا، قىسمەن رايونلارنىڭ مال سېتىشى تېزلەشتى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ تىرىك چوشقا، كۆكتات قاتارلىقلارنىڭ باھاسى بىرقەدەر يۇقىرى بولدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇخۇم باھاسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە جانلاندۇردى. بىراق تېرمىنالنىڭ يۇقىرى باھالىق تۇخۇمنى قوبۇل قىلىش دەرىجىسى چەكلىك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قېرى توخۇلارنى شاللاش رىتىمى ئاستا بولۇپ، تۇخۇم مەھسۇلات مىقدارىدا ئومۇمىي جەھەتتىن ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، قىسقا مۇددەتلىك تۇخۇم باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن ياكى داۋاملىق ئۆسىدىكەن. بۈگۈن ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىلغان رايونلاردىكى شەندۇڭ تۇخۇمىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىلوگىرامىنىڭ 9.52 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكىدىن 0.23 ئۆرلىدى؛ خېبېيدىكى تۇخۇمنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىلوگىرامىنىڭ 9.32 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكىدىن 0.33 ئۆستى؛ گۇاڭدۇڭ تۇخۇمىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىلوگىرامىنىڭ 10.00 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكى بىلەن تەڭلەشتى؛ بېيجىڭدىكى تۇخۇمنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىلوگىرامىنىڭ 9.92 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكىدىن 0.32 يۈەن ئۆرلىدى.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.