پاختا توقۇلما بۇيۇملار ئەتىگەنلىك گېزىتى

ilkan_4 2024-08-01 11:58:28

\

ICE پاختا زاكاز مېلى سېتىلىش باھاسىنىڭ بېسىمى ئاستىدا تۆۋەنلەپ، ئايدا% 5 چۈشۈپ كەتتى
8-ئاينىڭ 1-كۈنى خەۋىرى، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چارشەنبە كۈنى قىتئەلەر ئارا سودا ئورنىدا ( ICE ) نىڭ پاختا زاكاز مېلىنىڭ باھاسى چۈشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلچەملىك 12ئايلىق توختام % 0.80 تۆۋەنلەپ، سەيشەنبە كۈنىدىكى بىر ھەپتىلىك يۇقىرى نۇقتىدىن تۆۋەنلىگەن، چۈنكى ھايانكەشلىك مەبلىغى تۆكمە قىلىپ سېتىلغان. دانلىق زىرائەت زاكاز مېلىنىڭ ئاجىزلىشىشىمۇ پاختىنىڭ تۆۋەنلىشىگە سەۋەب بولدى. ۋاسىتىچى سودىگەر سىتۇڭ ئەيكس گۇرۇھى ( SToneX ) نىڭ پاختا خەۋپ-خەتىرىنى باشقۇرۇش مەسلىھەتچىسى بارتومان مۇنداق بىلدۈردى:بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئۇدا ئىككى كۈن قايتا ئۆرلەش يۈزلىنىشىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، 70 سېنت قارشىلىق كۈچى ئورنى قەرەللىك پاختىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى. چارشەنبە كۈنى چۈشۈشنىڭ سەۋەبى ھايانكەشلىك بازىرىنىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىش بېسىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. جۇڭگو دۆلەت ئىچىدىكى توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان كارخانىلارغا 200 مىڭ توننا لەيلىمە تاموژنا بېجى پاختا ئىمپورت نورمىسى تارقىتىپ بېرىدۇ. تەھلىلچىلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى:جۇڭگونىڭ ئىمپورت نورمىسىنى جاكارلىشى پاختا ئىمپورتىنىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق بولۇپ، پاختا باھاسىنى مەدەت بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.