30-ئىيۇلدىكى ئاچقۇچلۇق ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

ilkan_1 2024-07-30 18:34:53

\

جۇڭگو ھاۋا رايى تورىنىڭ 30-ئىيۇل نۇقتىلىق ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇماتى
7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قىسمى، يۈننەن- گۇيجۇ ئېگىزلىكى، چۇڭچىڭ، شەنشىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى ۋە شىمالىي جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمى، شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق جايلاردا قاتتىق يامغۇر، قىسمەن رايونلاردا قارا يامغۇر يېغىپ، قىسمەن جايلاردا گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.
2. 7-ئاينىڭ 30 - كۈنى سائەت 8 دىن 31 - كۈنى سائەت 8 گىچە، خېبېينىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمى، سەنشىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، بېيجىڭ، تيەنجىن، لياۋنىڭنىڭ غەربىي قىسمى، جىلىننىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى، خېيلۇڭجياڭنىڭ جەنۇبىي قىسمى، سىچۇەننىڭ شەرقىي شىمال قىسمى، چۇڭچىڭنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شەرقىي قىسمى، گۇيجۇنىڭ شەرقىي شىمال قىسمى، يۈننەننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي رايونى، گۇاڭشىنىڭ جەنۇبىي رايونى، گۇاڭدۇڭنىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمى، لياۋنىڭنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمى، خېبېينىڭ شىمالىي قىسمى، بېيجىڭنىڭ شەرقىي شىمال قىسمى، سىچۇەننىڭ شەرقىي شىمال قىسمى، چۇڭچىڭنىڭ شىمالىي قىسمى، يۈننەننىڭ جەنۇبىي قىسمى، گۇاڭشىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى دېڭىز بويى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر ( 180 ~ 100 مىللىمېتىر ) يېغىپ، يۇقىرىقى قىسمەن رايونلاردا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل - يېغىن بولىدىكەن. ( ئەڭ چوڭ سائەتلىك ھۆل - يېغىن مىقدارى 60 ~ 30 مىللىمېتىر، قىسمەن جايلاردا 80 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ ).
3.كەلگۈسى ئۈچ كۈن سۇبتروپىك بەلباغ يۇقىرى بېسىمىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىشىنىڭ تەسىرىدە، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمى، مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسمى، پورتۇگالىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئىسپانىيەنىڭ كۆپ قىسمى، فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسىمى، گىرېتسىيە، ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمى، غەربىي ئاسىيانىڭ كۆپ قىسمى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسىمى، پاكىستان، ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسىمى قاتارلىق جايلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن 40 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا سوتكىلىق ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 41 سېلسىيە گىرادۇستىن 45 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولۇپ، بور يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمى، ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق قىسمەن جايلاردا ℃ 47 تىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.