قەرەرلىك مال ئېنىرگىيە ئۇچۇرلىرى

ilkan_1 2024-07-19 12:57:47

\



3-پەسىلدە يېمەكلىك مېيى ئىمپورت قىلىشتا «پالما مېيى ئېشىش، قىچا مېيى ئازىيىش» يۈزلىنىشى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
7-ئاينىڭ 19-كۈنى خەۋىرى، تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، 7-ئايدىن 9-ئايغىچە پالما مېيى ئىمپورت مىقدارى ( قاتتىق ماينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ئايرىم - ئايرىم ھالدا 350 مىڭ توننا،320 مىڭ توننا ۋە 360 مىڭ توننا بولۇپ، پالما مېيى ئىمپورتىنىڭ ئېشىشى ئاساسلىقى پالما مېيى ئىمپورتىدا باسقۇچ خاراكتېرلىك پايدا كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن، ئىمپورت قىلىنغان پاراخوت 2 - پەسىلدىكىدىن كۆپەيگەن.

مۆلچەرلىنىشىچە، 7-ئايدىن 9-ئايغىچە قىچا مېيىنىڭ ئىمپورت مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 150 مىڭ توننا، 180 مىڭ توننا ۋە 120 مىڭ توننا بولۇپ، قىچا مېيىنىڭ ئىمپورت مىقدارى ئازايغان، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دۆلەت ئىچىدىكى قىچا مېيىنىڭ ئامبار زاپىسى يۇقىرى بولۇپ، رۇسىيە قاتارلىق جايلاردىن قىچا مېيى ئىمپورت قىلىشنىڭ پايدىسى بىر قەدەر ناچار بولغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.