19-ئىيۇلدىكى ئاچقۇچلۇق ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

ilkan_1 2024-07-19 12:34:58

\

جۇڭگو ھاۋا رايى تورىنىڭ 19-ئىيۇل دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىنىڭ نۇقتىلىق ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇماتى
1.سىچۈەن ئويمانلىقىدىن خۇاڭخې، خۇەيخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يەنىلا بىر قەدەر كۈچلۈك يامغۇر ياغىدۇ.
19-چېسلادىن 20-چېسلاغىچە، خېنەننىڭ شەرقىي قىسمى، شەندۇڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، جياڭسۇ-ئەنخۇينىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شەنشىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، سىچۈەن ئويمانلىقى قاتارلىق جايلاردا يەنىلا بىر قەدەر كۈچلۈك يامغۇر يېغىپ، قىسمەن جايلاردا گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.

2.چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى جەنۇبىي جۇڭگو قاتارلىق جايلاردا داۋاملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ.
كەلگۈسى بىر ھەپتىدە چاڭجياڭنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمى، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا داۋاملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن 39 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن، قىسمەن جايلاردا ھەتتا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدىكەن.
3.ھىندىستان يېرىم ئارىلى ۋە ھىندىچىنى يېرىم ئارىلى قاتارلىق جايلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ.
كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، ھىندىستان مۇسسۇن ئوقۇرىنىڭ ئالدى غەربىي جەنۇب شامىلىنىڭ كۈچىيىشىنىڭ تەسىرىدە، ھىندىستان يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى، بىرمىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، تايلاندنىڭ غەربىي قىسمى، كامبودژا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى قاتارلىق جايلاردا قارا يامغۇر يېغىپ، قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن.
4.ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمى ۋە جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا داۋاملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ.
كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى ۋە جەنۇبىي قىسمى، مېكسىكىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى، ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمى، گرېتسىيەنىڭ شىمالىي قىسمى، سېربىيە، ۋېنگرىيە، بۇلغارىيە، ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسىمى، غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمى، پاكىستان قاتارلىق جايلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن 40 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولۇپ، قىسمەن رايونلاردا سوتكىلىق ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 41 سېلسىيە گىرادۇستىن 45 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىپ، بور يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمى، ئىراننىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئىراقنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئالجىرىيە قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا 47 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن،

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.