قەرەلىك مال يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_4 2024-07-19 12:30:08

\

1. رۇسىيەدە دانلىق زىرائەتلەرنىڭ ئامبار زاپىسى ئېشىپ، ياغلىقدان ئامبار زاپىسى تۆۋەنلىدى
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، رۇسىيەدىكى يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىنىڭ ئاشلىق زاپىسى 17 مىليون توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 29 يۇقىرى بولغان. 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، بۇغداينىڭ ئامباردا ساقلانغان مىقدارى 11 مىليون 200 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 50 ئاشقان. كۆممىقوناقنىڭ ئىسكىلاتتىكى زاپىسى 1 مىليون 100 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 2 ئازايدى. گازىرنىڭ ئامبار زاپىسى 400 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 55 ئازايدى. 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە رۇسىيەنىڭ چىگىت ئومۇمىي ئامبار زاپىسى 1 مىليون 500 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 39 ئازايغان.

2. 2024-يىلىنىڭ 28-ھەپتىسىدە ئارگېنتىنالىق دېھقانلار كۆممىقوناقنى سېتىش قەدىمىنى ئاستىلاتتى
ئارگېنتىنا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئارگېنتىنانىڭ كۆممىقوناقنى سېتىش قەدىمى ئاستىلىغان. 7 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىگە قەدەر، ئارگېنتىنالىق دېھقان ئائىلىلىرى 24 مىليون 350 مىڭ توننا 2023/24 يىللىق كۆممىقوناقنى سېتىپ، بىر ھەپتە بۇرۇنقىدىن 910 مىڭ توننا يۇقىرى بولدى. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدە 15 مىليون 660 مىڭ توننا سېتىلغان. ئالدىنقى ھەپتىدە سېتىش مىقدارى تەخمىنەن 1 مىليون 110 مىڭ توننا بولغان. ئارگېنتىنالىق دېھقانلار يەنە 2024/25 يىللىق كۆممىقوناقتىن 230 مىڭ توننا ئالدىن ساتقان بولۇپ، بىر ھەپتە ئىلگىرىكىدىن 40 مىڭ توننا يۇقىرى بولغان، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئالدىن سېتىلىش مىقدارى 780 مىڭ توننا بولغان. ئالدىنقى ھەپتە 30 مىڭ توننا ئالدىن سېتىلدى.

3. ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە دېھقانلارنىڭ بۇغداي سېتىش قەدىمى ئاستىلىغان
ئارگېنتىنا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى:2024-يىلىنىڭ 28-ھەپتىسىدىكى ئارگېنتىنالىق دېھقانلارنىڭ يېڭى پەسىللىك بۇغداينى ئالدىن سېتىش قەدىمى ئاستىلىدى. 7-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، ئارگېنتىنالىق دېھقان ئائىلىلىرى 2 مىليون 260 مىڭ توننا 2024/25 يىللىق بۇغداينى ئالدىن ساتتى، بۇ، بىر ھەپتە بۇرۇنقىدىن 20 مىڭ توننا يۇقىرى بولدى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى سېتىلىش مىقدارى 690 مىڭ توننا بولدى. ئالدىنقى ھەپتە 30 مىڭ توننا ئالدىن سېتىلدى. ئارگېنتىنالىق دېھقانلار 5-ئايدىن باشلاپ 2024/25-يىللىق بۇغداي تېرىيدۇ. ئارگېنتىنادىكى دېھقان ئائىلىلىرى 2023/24 يىللىق بۇغدايدىن 11 مىليون 140 مىڭ توننا ساتتى، بۇ، بىر ھەپتە بۇرۇنقىدىن 1 مىليون 160 مىڭ توننا ئاشتى. سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى سېتىش مىقدارى 10 مىليون 290 مىڭ توننا بولغان، ئالدىنقى ھەپتە سېتىش مىقدارى 160 مىڭ توننا بولغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.