قەرەرلىك مال ئېنىرگىيە ئۇچۇرلىرى

ilkan_1 2024-07-10 12:48:50

\

مالايسىيا پالما مېيىنىڭ بازار كەلگۈسىگە نەزەر:
مۆلچەرلىنىشىچە، پالما مېيىنىڭ زاكاز مال باھاسى چۈشىدىكەن.
7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى (چارشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن) چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تاشقى بازار تۆۋەنلەپ كەتكەچكە، مالايسىيا ھاسىلىي مەھسۇلاتلار سودا ئورنى ( BMD ) پالما مېيى زاكاز مال دەسلەپكى باھاسى چۈشۈش مۇمكىن ئىكەن.
چىكاگودا پۇرچاق مېيى قەرەللىك مېلى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن، خەلقئارادا خام نېفىت قەرەللىك مال ئەھۋالى چۈشۈشكە قاراپ يۈزلەنگەچكە، مالايسىيا تۈكلۈك پالما مېيى قەرەللىك مېلىنىڭ بازار ئەھۋالىغا تەسىر يەتكۈزگەن.
مالايسىيا پالما مېيى ئىدارىسى ( MPOB ) بۈگۈن ئايلىق سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلدى. كەسپى ئەربابلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 6- ئايدا مالايسىيا پالما مېيى ئامبار زاپىسى ئۇدا 3 ئاي ئاشقان، چۈنكى ئېكىسپورتنىڭ تۆۋەنلىشى مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەنلەش تەسىرىنى تۈگىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
پاراخوت ترانسپورتىنى تەكشۈرۈش ئورگىنىمۇ بۈگۈن مالايسىيانىڭ 1-ئىيۇلدىن 10-ئىيۇلغىچە بولغان پالما مېيى ئېكسپورت سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. پاراخوت تىرانسىپورتىنى تەكشۈرۈش ئورگىنى ITS بىلەن AmSpec يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
6-ئايدا مالايسىيا پالما مېيىنىڭ ئېكىسپورت مىقدارى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %11.8 تىن %15.4 كىچە تۆۋەنلىگەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.