پاختا توقۇلما بۇيۇملار ئەتىگەنلىك گېزىتى

ilkan_4 2024-07-10 12:18:56

\

ھازىر دەل كېۋەز ئۆسىدىغان ئالتۇن پەسىل، شىنجاڭ كۇچا شەھىرىدە 1 مىليون 800 مىڭ مو كېۋەزنىڭ ئۇچى ئومۇميۈزلۈك ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى، شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى تېخنىكلارنى ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈشكە تەشكىللەپ، پاختىكارلارنىڭ كېۋەزلىك پەرۋىشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، بۇ يىللىق پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى. پاختىكار ياڭ خۇڭيىڭ ئائىلىسىنىڭ جەمئىي 200 مو كېۋەزلىكى بار بولۇپ، بۇلتۇر مو بېشى ھوسۇلى 400 كىلوگىرامغا يەتكەنىدى، بۇ يىل ياخشى پەرۋىش قىلغاچقا، ھازىر ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كېۋەز تۈپلىرى بۈك-باراقسان، گۈللىرى چىرايلىق ئېچىلغان، كېۋەز غوزىسى غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى، دەسلەپكى قەدەمدە مو بېشى ھوسۇلىنىڭ 550 كىلوگىرامدىن ئاشىدىغانلىقىدىن ئۈمىد بارلىقى مۆلچەرلەندى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى ئۇنىڭ بۇ يىللىق مول ھوسۇل ئېلىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شوپۇرسىز تېرىش، قۇرۇق تېرىپ، ئاز-ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش، بىر يوپۇقتا كۆپ قۇرلاپ تېرىش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى كېڭەيتىپ قوللىنىپ، پاختىدىن يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئېلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىل كۇچا شەھىرىدە جەمئىي 1 مىليون 800 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىلدى، ئومۇمىي ھوسۇلنىڭ 650 مىڭ توننىدىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى، ھازىر تۈرلۈك ئېتىز پەرۋىشى خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، كېۋەز ئۇچىنى ئۈزۈش 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىشى مۇمكىن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.