14-ئىيۇن ئاچقۇچلۇق ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

ilkan_5 2024-06-14 15:15:17

\

1.جياڭنەن، جەنۇبىي جۇڭگو قاتارلىق جايلاردا بىرقەدەر قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن. 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە، جياڭنەن، جەنۇبىي جۇڭگو ھەم گۇيجوۋنىڭ جەنۇبىي قىسمى، يۈننەن قاتارلىق جايلاردا ئۇدا يامغۇر ياغىدىكەن، يۇقىرىقى قىسمەن رايونلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، ھەمدە قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، قىسمەن جايلاردا گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 8 دىن 15-كۈنى سائەت 08 گىچە، جياڭشىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمى، جېجياڭنىڭ جەنۇبىي قىسمى، فۇجيەننىڭ غەربىي قىسمى ۋە شىمالىي قىسمى، خۇنەننىڭ جەنۇبىي قىسمى، يۈننەننىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمى، گۇاڭشىنىڭ ئوتتۇرا، شىمالىي قىسمى، گۇاڭدۇڭنىڭ ئوتتۇرا، شىمالىي قىسمىدىكى ھەمدە جىلىننىڭ شەرقىي قىسمى، لياۋنىڭنىڭ شەرقىي شىمالى، شەندۇڭنىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن رايونلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، جياڭشىنىڭ شەرقىي قىسمى، فۇجيەننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى، گۇاڭشىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدۇ ( 100 مىللىمېتىردىن 200 مىللىمېتىرغىچە ).

2.ئوتتۇرا جەنۇبىي يېرىم ئارال قاتارلىق جايلاردا بىرقەدەر كۈچلۈك ھۆل-يېغىن كۆرۈلدى. تۈنۈگۈن، ئوتتۇرا جەنۇبىي يېرىم ئارالنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، ئوتتۇرا ياۋروپانىڭ جەنۇبىي قىسمى، شىمالىي ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا شەرقىي قىسمى، ئىسپانىيەنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقى، ئېستونىيەنىڭ غەربىي قىسمى، كانادانىڭ جەنۇبىي قىسمى، مېكسىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە جەنۇبىي قىسمى، بىرازىلىيە ئېگىزلىكىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغدى، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغدى.
3.ئامېرىكىنىڭ غەربىي جەنۇبى قاتارلىق جايلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلىدىكەن. تۈنۈگۈن، غەربىي ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا شەرقىي قىسمى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەنۇبىي قىسمى، جەنۇبىي ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمى، سەھرايى كەبىر ۋە ئۇنىڭ شىمالىدىكى رايونلار، ئامېرىكىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن 44 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلدىكەن،ۋە شۇنداقلا قىسمەن جايلاردا 45 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

4.ھىندىستان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى جۇڭنەن يېرىم ئارىلى قاتارلىق جايلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن. كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ھىندىستان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى دېڭىز بويى رايونلىرى، بېنگال قولتۇقىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئوتتۇرا جەنۇبىي يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر ۋە قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.