پاختا توقۇلما بۇيۇملار ئەتىگەنلىك گېزىتى

ilkan_1 2024-04-26 11:41:47

\

جۇڭگو پاختا ئۇچۇر تورىغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈنكى جۇڭگو پاختا باھا كۆرسەتكۈچى 16705 يۈەن/توننا بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 108 يۈەن/توننا ئازايغان.
شىنجاڭدىكى كۈزگى بۇغدايلارنىڭ كۆپ قىسمى غول تارتىش مەزگىلىدە تۇرىدۇ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بىر قىسمى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كۆپ قىسمى ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بىر قىسمى باشاق تۇتۇش مەزگىلىگە كىرىدۇ؛ تۈزلەڭلىك رايونلاردا يازغى بۇغداي تېرىلىپ مايسا چىقارغان ، قۇمۇل، گۇچۇڭ بۇغدايلىرى ئۈچ يوپۇرماق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەتىيازلىق كۆممىقوناق تېرىلىپ بولغان ، غۇلجا، ئۇلان-شىخۇ مايسىلىرى ئۈنۈپ چىققان ؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كېۋەز تېرىلىپ بولغان ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم كېۋەز مايسا چىقارغان ، بۇ ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن 2-13 كۈن بۇرۇن بولغان . نەشپۈت، ياڭاق، ئالما قاتارلىق كۆپ قىسىم ئۆزگىچە مىۋەلەرچېچەكلەپ يوپۇرماق چىقىرىش مەزگىلىدە تۇرىدۇ، ئۆرۈك، بادام قاتارلىقلار غورا ئۆسۈش مەزگىلىدە تۇرىدۇ. مۆلچەرلىنىشچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمىدا مايسا ئۈنۈپ بولغان ئەتىيازلىق كۆممىقوناقتا ئۈششۈك ئاپىتىنىڭ كۆرۈلۈش خەۋپى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن، ھۆل-يېغىن ۋە قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كېۋەزنىڭ مايسا ئۈنۈشى ۋە مايسا مەزگىلىدىكى ئۆسۈشىگە، باغۋەنچىلىكنىڭ چېچەكلەپ چاڭلىشىشىغا، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىققا پايدىسىز بولىدىكەن. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش تورى
. جېڭجۇ سودا ئورنى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى راسچوت قىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ، ئاق شېكەر، پاختا، كۆكتات تىرىپى، قىچا مېيى، پاختا يىپ، خاسىڭ، PTA، مېتىل ئالكوگول، ئۇرېيە، قىسقا تالا، دى مېتىل بېنزول ۋە كۆيدۈرگۈچى ئىشقار زاكاز مال توختامىنىڭ سودا كاپالەت پۇلى ئۆلچىمىنى %9، ئۆرلەش-چۈشۈشنى توختىتىش نىسبىتىنى %8 قىلىشنى قارار قىلغان .
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.