16-ئاپرېل ئاچقۇچلۇق ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

ilkan_4 2024-04-16 11:53:56

\


1. 4-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 80 دىن 17-كۈنى سائەت 08 گىچە، سىچۇەن ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمى، چۇڭچىڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، گۇيجوۋنىڭ شەرقىي قىسمى، خۇبېينىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى، خۇنەننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، جياڭشىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمى، فۇجيەننىڭ ئوتتۇرا، شىمالىي قىسمى، جېجياڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ھەمدە ئىلى دەرياسى ۋادىسى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، خۇنەننىڭ شەرقىي قىسمى، جياڭشىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمى، فۇجيەننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى، چۇڭچىڭنىڭ شىمالىي قىسمى، خۇبېينىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ( 100مىللىمېتىردىن 140 مىللىمېتىرغىچە ) ياغىدىكەن. ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، لياۋنىڭنىڭ غەربىي قىسمى، شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمى، شىزاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمى، گەنسۇنىڭ خېشى، شەندۇڭ يېرىم ئارىلى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 4~6 بال شامال چىقىدىكەن.
2. 4- ئاينىڭ 16-17-كۈنلىرى، تۆۋەن قاينام سىستېمىسىنىڭ تەسىرىدە، ئىراننىڭ جەنۇبى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئوماننىڭ شىمالى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ شەرقى، قاتار، بەھرەيىن، پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبى قاتارلىق جايلاردا قاتتىق يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، يۇقىرىقى كۆپ قىسىم رايونلاردا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، ئىراننىڭ جەنۇبى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ شىمالىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن. قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك قارىمۇقارشى ھاۋا رايى كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.
3. 4-ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە تېمپېراتۇرا بەلبېغى سىكلونىنىڭ شەرققە يۆتكىلىشىنىڭ تەسىرىدە، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى، كانادانىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا غەربتىن شەرققە قاراپ كەڭ كۆلەمدە قار-يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، كانادانىڭ مەركىزىي قىسمىدا قاتتىق قار ياغىدىكەن، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن.بۇنىڭغا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايى كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن؛ 4-ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە، تۆۋەن ئوقۇرلۇق تۆۋەن قاينامنىڭ تەسىرىدە، ئارگېنتىنانىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمى، پاراگۋاي، ئۇرۇگۋاي، بولىۋىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمى، بىرازىلىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا قارا يامغۇر يېغىپ، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.