ھاۋالە فوند شىركىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىقى خەۋپ- خەتەر قايسىلار؟

rabigul 2015-11-14 13:21:35

\

نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ھاۋالە مەھسۇلاتلىرى خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن، ياخشى ھاۋالە مەھسۇلاتى بولسا تۈرلۈك خېيىم-خەتىرىنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، خەۋپ-خەتەرنى تىزگىنلەپ ئوڭۇشلۇق ھالدا پايدىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولدۇ، بىراق ئاز ساندىكى كىشىلەرلا بىلىدۇ ، ئەمەلىيەتتە ھاۋالە فوند شىركىتىمۇ خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھاۋالە شىركىتى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ-خەتەر تۈرى بولسا ئاساسلىقى كرېدىت خەۋپ-خەتىرى، بازار خەۋپ خەتىرى، ئوبوروت خەۋپ-خەتىرى، مەشغۇلات خەۋپ-خەتىرى، نام-ئابرۇي خەۋپ-خەتىرى قاتارلىقلار.
كرېدىت خەۋپ-خەتىرى: دېگىنىمىز قەرزدار ياكى پۇل–مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ﻛﺮﯦﺪﯨﺖ سودىسىدا قارشى تەرەپنى توختامغا خىلاپلىق قىلىش ياكى ﻛﺮﯦﺪﯨﺖ سۈپىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە، ھەقدارغا ياكى پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتنىڭ قىممىتىگە تەسىر يېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەقدار ياكى پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتىغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى زىيان تارتىش خەۋپ-خەتىرىگە دۇچ كېلىدۇ. شۇنداقلا كرېدىت خەۋپ-خەتىرى ھاۋالە شىركىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق خەۋپ –خەتەرنىڭ بىرى.
بازار خەۋپ-خەتىرى: بولسا بازار باھاسىنىڭ پايدىسىز ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن شىركەت جەدۋەل ئىچىدىكى ۋە جەدۋەل سىرتىدىكى كەسىپتىن زىيان تارتىش خەۋپ-خەتىرى يۈز بېرىدۇ. بازار خەۋپ-خەتىرى ھاۋالە شىركىتى ئىچىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىگىلىك باشقۇرۇش پائالىيىتىدە دۇچ كەلگەن ئاساسىي خەۋپ-خەتەرنىڭ بىرى .
ئوبوروت خەۋپ-خەتىرى: ھاۋالە شىركىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئوبوروت خەۋپ-خەتىرى ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى خىل: بىرىنچى، ھاۋالە شىركىتى قاتلىمى؛ ھاۋالە شىركىتىنىڭ گەرچە تۆلەمنى ئۈزۈش ئىقتىدارى بولسىمۇ، لېكىن ۋاقتىدا يېتەرلىك مەبلەغقە ئېرىشىشكە ياكى مۇۋاپىق تەننەرخى ۋاقتىدا يېتەرلىك مەبلەغقە ئېرىشىشكە ئامالسىز قالغاندا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كەسپنى كۆپەيتىش ياكى قەرەلى توشقان قەرزنى تۆلەش خەۋپ-خەتىرنى كۆرسىتىدۇ.
ئىككىنچى، ھاۋالە تۈرى قاتلىمى؛ ھاۋالە تۈرىنى ۋاقتىدا قايتۇرالمىغاندا نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇش نەقلەشتۈرۈش راسچوت خەۋپ-خەتىرىنى كۆرسىتىدۇ.
مەشغۇلات خەۋپ-خەتىرى: ئىچكى مەشغۇلات تەرتىپى مۇكەممەل بولمىغان ياكى مەسىلە بار، خادىملىرى ۋە ئۇچۇر پەن-تېخنىكا سىستېمىسى ۋە سىرتقى ھادىسىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان تارتىش خەۋپ - خەتىرىنى كۆرسىتىدۇ.
نام- ئابرۇي خەۋپ-خەتىرى: تىجارەت ئاپپاراتلىرى، باشقۇرۇش ۋە باشقا قىلمىشلار ياكى تاشقى ھادىسە كەلتۈرۈپ چىقارغان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلارنىڭ سەلبىي باھا خەۋپ-خەتىرىنى كۆرسىتىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.