مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈرىدىكى ھاۋالە كەسپى دېگەن نېمە ؟

rabigul 2015-10-10 13:02:06

\

مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈرىدىكى ھاۋالە كەسپى بولسا نۆۋەتتىكى ھاۋالە فوند كەسپى ئىچىدىكى چوڭ بىر تۈر بولۇپ، مەبلەغقە ئېھتىياجى بار تەرەپنىڭ قوزغىتىش ئامىلى ۋە كەسپى باشلىنىش نۇقتىسى ئۈچۈن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى كۆرسىتىدۇ، ھاۋالە فوندنىڭ مەقسىتى ھاۋالە مەبلىغىنى مۇقىم قايتۇرۇۋېلىشنى ئاساس قىلىدۇ، ھاۋالە مەبلىغى ئاساسلىقى ھاۋالە فوندى تەسىس قىلىشتىن ئىلگىرى ئالدىنئالا بەلگىلەنگەن ئالاھىدە تۈر. ھاۋالە فوند شىركىتى بۇ خىلدىكى كەسپىدە ئاساسلىقى ھاۋالە قىلغۇچى، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى مۇقىم تۈرنى تەۋسىيە قىلىش، ئالاھىدە تۈردىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش دىرى ۋە ئۆسۈم مەسئۇلىيىتىنى سوراپ ئېلىش قاتارلىقلارنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈرىدىكى ھاۋالە كەسپى قەرز ئېلىشنى ھاۋالە قىلىش، قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشقا ئىگە بولۇش، قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشنى تاللاش ھوقۇقى ياكى كېپىللىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان پاي ھوقۇقى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تىپىدىكى ھاۋالە فوند، كرېدىت مۈلكىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە فوند قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.