سودا يۆنىلىشىنى ئانالىز قىلىشتا كۆپ قوللىنىدىغان MACD كۆرسەتكۈچ

zumrat 2015-10-31 13:01:03

\

MACD كۆرسەتكۈچى يۆتكىلىشچان ئوتتۇرىچە سىزىققا ئاساسەن يۆنىلىش ئۆزگىرىشىنى ئاسانلا ئىگىلەشتەك ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولۇپ،ئۇ تېز سىزىق)قىسقا مەزگىللىك يۆتكىلىشچان ئوتتۇرىچە سىزىق( ۋە يەنە بىر تال ئاستى سىزىق )ئۇزۇن مەزگىللىك يۆتكىلىشچان ئوتتۇرىچە سىزىق( ئارىسىدىكى پەرق DIF نى يۆنىلىش ئۆزگىرىشىگە ھۆكۈم قىلىش ئاساسى قىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ كۆرسەتكۈچ تېز ۋە ئاستا بولغان ئىككى يۆتكىلىشچان ئوتتۇرىچە سىزىقنىڭ يېقىنلىشىش ۋا يىراقلىشىشىغا ئاساسەن ئۆرلەشكە كىرىش ياكى چۈشۈشكە كىرىش پەيتىگە ھۆكۈم قىلىدىغان كۆرسەتكۈچتۇر. بۇ كۆرسەتكۈچنىڭ قوللىنىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

1.DIF ۋە DEA قىممىتى 0 دىن چوڭ بولغان (يەنى گرافىكتا كۆرسىتىلگەن سىزىقتىكى نۆل نۇقتىدىن يۇقىرى بولغاندا) ھەمدە يۇقىرىغا ئۆرلىگەن بولسا، بۇ ئادەتتە ئۆسۈش يۆنىلىشىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، مەلۇم نىسبەتتە سېتىۋىلىشقا ياكى ساقلاشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛

2.DIF ۋە DEA قىممىتى 0 دىن كىچىك (يەنى گرافىكتا كۆرسىتىلگەن سىزىقتىكى نۆل نۇقتىدىن تۆۋەن بولغاندا) ھەمدە تۆۋەنلىگەن بولسا، بۇ ئادەتتە چۈشۈش يۆنىلىشىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، مالنى سېتىپ چىقىرىش ياكى كۈزىتىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛

3.DIF ۋە DEA قىممىتى 0 دىن چوڭ (يەنى گرافىكتا كۆرسىتىلگەن سىزىقتىكى نۆل نۇقتىدىن يۇقىرى بولغاندا) بولغان، ئەمما تۆۋەنگە قاراپ چۈشكەن بولسا، بۇ ئادەتتە تۆۋەنلەش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، مالنى سېتىپ چىقىرىش ياكى كۈزىتىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛

4. DIF ۋە DEA قىممىتى 0 دىن كىچىك (يەنى گرافىكتا كۆرسىتىلگەن سىزىقتىكى نۆل نۇقتىدىن تۆۋەن بولغاندا) بولغان، ئەمما يۇقىرىغا ئۆرلىگەن بولسا، بۇ ئادەتتە ئۆسۈش يۆنىلىشىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى، پايچەكنىڭ ئۆسىدىغانلىقىنى، مال سېتىۋىلىش ياكى ساقلاشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.