ئوتتۇرچە سىزىق نەزەرىيىسىدىكى ئۈچ چوڭ مۇھىم ھالقا

rabigul 2019-02-13 18:41:51

\

1. باھانىڭ يۈزلىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؛

ئەمەلىيەتتە، مەبلەغ سېلىش بازىرىدا، پايدىغا ئېرىشىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولسا توغرىلىق نىسبىتى يۇقىرى بولغان بازار ئانالىزى ۋە مەبلەغ سېلىش بازىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئالدىن مۆلچەرلەش بولۇپ، بازار ئانالىزى ۋە كۆزىتىش ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشىش پۇرسىتى بولدۇ. ئەمما ئوتتۇرچە سىزىقنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى بولسا باھا تەۋرىنىشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇڭا كەڭ مەبلەغ سالغۇچىلار ئوتتۇرچە سىزىق نەزەرىيىسىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئوتتۇرچە سىزىق نەزەرىيىسىنىڭ زادى قانداق رولى بار؟ ئەمەلىيەتتە، ئوتتۇرچە سىزىق ئاساسلىقى بازار ئەھۋالىنىڭ ئۆرلەش يۈزلىنىشىدە ياكى تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىدە ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى قورال.

2. نۆۋەتتىكى بازارنىڭ ئوتتۇرىچە تەننەرخىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؛

نۆۋەتتىكى باھا 30 كۈنلۈك ئوتتۇرچە سىزىقتىن تۆۋەنلەپ كەتكەن ۋاقىتتا، ئۇنداقتا بۇ مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئۆسۈشكە كىرگەن مەبلەغ سالغۇچىلار قولدىكى بارلىق ئۆسۈش ماللىرىنى قولدىن چىقرالماي ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؛ ئەگەر باھا يىللىق ئوتتۇرچە سىزىقتىن تۆۋەنلەپ كەتسە، بۇ مۇشۇ يىل ئىچىدە ئۆسۈشكە كىرگەن بارلىق مەبلەغ سالغۇچىلارمۇ قولدىكى بارلىق ئۆسۈش ماللىرىنى چىقرالماي ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؛

3. ئوتتۇرچە سىزىقنىڭ يەنە باھانىڭ ئۆرلىشىگە ھەم چۈشۈشىگە ياردەم بېرىش رولى بار؛

مەبلەغ سېلىش بازىرىدا، ئوتتۇرچە سىزىق ئۈستىگە ياكى ئاستىغا يۆتكەلگەندە، ئادەتتە ئۇدا بىر نەچچە ھەپتە ياكى بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئاندىن تەتۈر ئايلىنىش يۈز بېرىپ، باشقا بىر يۆنىلىشكە يۆتكىلىدۇ. شۇڭا باھانىڭ ئۆرلەش يۈزلىنىشى جەريانىدا، ئوتتۇرچە سىزىق ئۆرلەشكە ياردەم بېرىش رولغا ئىگە. ئەمما باھانىڭ تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى جەريانىدا، ئوتتۇرچە سىزىق چۈشۈشكە ياردەم بېرىش رولغا ئىگە.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.