ئوتتۇرچە سىزىقنىڭ 3 چوڭ ئالاھىدىلىكى داۋامى

rabigul 2019-01-15 17:35:23

\

2. باھا تەۋرىنىشگە نىسبەتەن تىرەپ تۇرۇش ۋە بېسىم قىلىش رولى بار؛

ئوتتۇرچە سىزىقنىڭ ماھىيىتى بولسا بىر مەزگىللىك ۋاقىتتىكى ئوتتۇرىچە پاي چېكى تەننەرخىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بازارغا قاتناشقۇچىلار كۆپ ھاللاردا تاپقان پۇلى ۋە زىيان تارتقان پۇل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سودىسىغا باھا بېرىدۇ، بۇنداق سېتىۋېلىش تەننەرخى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سودىسىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ قالدى. بىر ئۆرلەش يۈزلىنىشى ئىچىدە، باھا ئوتتۇرچە سىزىق ئەتراپىغا چۈشكەن ۋاقىتتا، مەبلەغ سالغۇچىلارغا پايدىسى تېگىدۇ. بازاردىكى سېتىۋېلىش كۈچى ئاشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن باھا كۈچلۈك تىرەش كۈچىگە ئېرىشىدۇ، ئوتتۇرچە سىزىققا نىسبەتەن باھامۇ تىرەكلىك رولىنى نامايان قىلىدۇ. بىر تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىدە، باھا قايتا ئۆرلەپ ئوتتۇرچە سىزىققا يېقىنلاشقاندا، مەبلەغ سالغۇچىلار باھانىڭ يۇقىرى ئۆرلەش پۇرسىتىنى ئىگلەپ، تېزدىن قولىدىكى زىيان ساقلانغىلى بولمايدىغان پاي چېكىنى سېتىپ چىقىرىدۇ ياكى ئازايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن باھانىڭ تۆۋەنلەپ توسالغۇغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇمۇ بولسا ئوتتۇرچە سىزىقنىڭ بېسىم رولى.

بۇ دولقۇن بۆلىكىدە مەشغۇلات قىلىش جەريانىدا، مەبلەغ سالغۇچىلار ئوتتۇرچە سىزىقنىڭ تىرەش كۈچى ۋە بېسىم رولدىن پايدىلىنىشى كېرەك. شۇڭا ئوتتۇرچە سىزىقنىڭ تىرەش نۇقتىسى ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، بېسىم نۇقتىسى ئەتراپىدىن چۈشۈشكە كىرىشنى ئويلاشساق بولدۇ.

3. ئوتتۇرچە سىزىقنىڭ باھانىڭ ئۆرلىشىگە ياردەم بېرىش ۋە چۈشۈشىگە ياردەم بېرىش رولى بار؛

بىر يۇقىرى ئۆرلەش يۈزلىنىشىدە، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۆسۈشكە ئېلىش ھەرىكىتى، دائىم بازار تەڭپۇڭ ھالەتتە ياكى تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىدە تەۋرىنىۋاتقاندا تېخىمۇ جانلىنىدۇ. باھا ئوتتۇرچە سىزىق ئەتراپىغا تۆۋەنلىگەن ۋاقىتتا، كۆپ تەرەپلىك تىرەش كۈچىگە ئۇچراپ، باھانىڭ كەينىگە يېنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئوتتۇرچە سىزىق داۋاملىق يۇقىرىغا ھەرىكەت قىلىپ، ئوتتۇرچە سىزىق باھانىڭ ئۆرلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. بىر تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىدە، مەبلەغ سالغۇچىلار دائىم كىچىك ئىشلاردىمۇ ئېھتىياتچان بولىشى كېرەك. باھا يەنە قايتا قاڭقىپ ئوتتۇرچە سىزىق ئەتراپىغا ئۆرلىگەندە، مەبلەغ سالغۇچىلار قولدىكى ماللارنى سېتىپ چىقىرىۋېتىپ، باھانىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرچە سىزىق تېخىمۇ تۆۋەنگە قاراپ ماڭىدۇ، مانا بۇ ئوتتۇرچە سىزىقنىڭ باھانىڭ تۆۋەنلىشىگە ياردەم بېرىش رولى.

ئوتتۇرچە سىزىقنىڭ بۇ رولىغا ئاساسەن، دولقۇن بۆلىكىدە مەشغۇلات قىلغان ۋاقىتتا بازارنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، بىر ئۆرلەش يۈزلىنىشىدە، ئۆسۈشكە ئەگىشىپ كىرىشكە جۈرئەت قىلىش، بىر تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىدە، تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.