بازاردىكى ئۈچ خىل يۈزلىنىش

zumrat 2015-10-31 13:23:02

\


قەرەللىك ئالتۇن بازىرىدا ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل يۈزلىنىش مەۋجۈت:
بىرىنچى، ئاساسىي يۈزلىنىش يەنى چوڭ يۆنىلىنىش.
ئىككىنچى،ئوتتۇرا مەزگىللىك يۆزلىنىشى يەنى ئەگەشمە يۆنىلىش.
ئۈچۈنچى، تەڭشىلىش يۈزلىنىشى يەنى كىچىك يۆنىلىش.
بىرىنچى يۈزلىنىش خۇددى كۆل يۈزىگە بىر تال تاشنى تاشلىساق، دەسلەپتە چەمبىرەك ھالەتتە ئەتراپقا تارىغان تۇنجى چوڭ دولقۇنغا ئوخشايدۇ،ئىككىنچى يۈزلىنىش بولسا، چوڭ دولقۇننىڭ كەينىدىن پەيدا بولۇپ،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەگىشىپ ئەتراپقا تارىغان كىچىك ئاولقۇنلارغا ئوخشايدۇ.ئۈچىنچى يۈزلىنىش،كۆلگە چۈشكەن تاشنىڭ دولقۇن پەيدا قىلىش كۈچى ئاخىرلاشقان نىسبىتى تىنىچ مەزگىلگە ئوخشايدۇ.كىچىك يۈزلىنىشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئادەەتە ئۈچ ھەپتىدىن ئاشمايدۇ،ئوتتۇرا مەزگىللىك يۈزلىنىشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئۈچ ھەپتىدىن ئۈچ ئايغىچە بولىدۇ.ئاساسىي يۈزلىنىشنىڭ ۋاقتى بولسا ئۈچ ئايدىن بىر يىلغىچە،ھەتتا نەچچە يىلغىچە داۋاملىشىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.