2017-يىلى7-ئاينىڭ10-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

mukaram 2017-07-10 11:31:31

\


ئاساسىي ئانالىز
دۈشەنبە ( 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا كۈمۈشنىڭ باھاسى داۋاملىق چۈشۈپ ، ئەڭ تۆۋەن باھا 15.46 دوللار ئەتراپىدا بولدى .ئالدىنقى جۈمە (7-ئاينىڭ 7-كۈنى ) ئامېرىكىنىڭ 6- ئايلىق غەيرى يىزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى مۆلچەرىدىكىدىن ئىشىپ ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بۇ يىل يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنى ساقلاپ قالدى ، شۇنىڭ بىلەن كۈمۈش باھاسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ 14.35دوللار ئەتراپىغا چۈشتى ھەم 16 ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى ياراتتى . بۇ ھەپتە پۇل مۇئامىلە بازىرى بىر قاتار مۇھىم مالىيە - ئىقتىساد ئىشلىرىنى كۈتۋالىدىغان بولۇپ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتى ئامېرىكا پارچە سېتىش ۋە پۇل پاخاللىقى قاتارلىق مۇھىم ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتىدىن باشقا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەنىڭ سۆزى ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى رەئىس يېلېننىڭ پارلامېنت گۇۋاھلىق سۆزى .

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. ئالدىنقى جۈمە كۈنى كۈمۈش باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 16.18-14.31 دوللار ئارلىقىدا بولدى . جۈمە كۈنى تەھلىلدە بىز كۈمۈشنى 15.85-15.90 دىكى باھالاردىن يىنىك ئۆسۈشكە ئىلىپ ، پايدىسىنى16-15.90گىچە كۆرىمىز ، چۈشۈشكە ئىلىش ئۈچۈن16-16.10دىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلىمىز دىگەن ئىدۇق ، جۈمە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ئۆسۈشكە مال ئىلىشقا پۇرسەت بەردى ھەمدە يۇقىرى 16 دىكى باھا شەكىللىنىپ ئۆسۈش مىلىنى پايدا رايۇنىدا چىقاردۇق ، ياۋرۇپا بازىرىدا بىز كۈمۈشنى تەھلىلدە 15.85-15.90 ئەتراپىدىن ئالغان ئۆسۈش مىلىنى 15.90-16 ئەتراپىدا چىقىرۋىتىپ تۇرۇپ ، كۈمۈش باھاسى 15.90-16 دىكى باھالار شەكىللەنسە چۈشۈشكە ئالىمىز ، پايدىسىنى 15.75-15.80 دىكى باھالارغىچە كۆرسەك بولىدۇ دېگەن ئېدۇق ، ياۋرۇپا بازىرىدا كۈمۈشنى چۈشۈشكە ئىلىشقا پۇرسەت بەردى ھەمدە پايدا رايۇنىدا چىقاردۇق ، كەچلىك ئامرىكا بازىرىدا بىز كۈمۈشنى 15.90-16دىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 15.80-15.75 دىكى باھالار ئەتراپىدا كۆرىمىز ، زىيانى16.10دە تەڭشەيمىز دېگەن ئېدۇق ، كەچلىك بازاردا چۈشۈشكە ئىلىشقا پۇرسەت بولمىدى ،جۈمە كۈنى مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق 30 نوقتا ئەتراپىدا پايدا ئالغان بولىمىز .

2.بۈگۈن كۈمۈشنى سودا قىلغاندا يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلىمىز . كونكېرت سودا تەھلىلى ھەر قايسى qq vip توپلېرىغا يوللىنىۋاتىدۇ.

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى : 10629.03 توننا

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار: 15.40

مۇتەخەسسىس : ئالىيە


ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.