2017-يىلى 6-ئاينىڭ12-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

gulnur 2017-06-12 11:06:21

\

ئاساسىي ئانالىز
دۈشەنبە (6-ئاينىڭ12-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا كۈمۈشنىڭ باھاسى داۋاملىق چۈشۈپ، ئەڭ تۆۋەن باھا 17.13 دوللار ئەتراپىدا بۇلۇپ، بىر ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى ياراتتى. ئالدىنقى جۈمە (6-ئاينىڭ9-كۈنى) ئەنگلىيە باش ۋەزىرى Theresa may رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى چوڭ سايلىمى داۋامىدا كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولمىغانلىقتىن، فوند ستېرلىڭ چوڭ دائىرىدە چۈشۈپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىلەن يۇقىرى ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىسى 5-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا چىقىپ، كۈمۈش باھاسى %1 چۈشۈپ كەتتى، ھەم تۆۋەن باھا 17.18 دوللار ئەتراپىغا چۈشتى، بۇ ھەپتە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتى ئامېرىكا پارچە سېتىش ۋە پۇل پاخاللىقى قاتارلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتىدىن باشقا، بازارنىڭ قىزىق نۇقتىسى، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم قارارى يىغىنى. شۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات كۆزلىمىسى ھەمدە يېلىننىڭ نۇتىقى. بۇ ئۆسۈم قوشۇش يىغىنىغا مەلۇم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن.


مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. ئالدىنقى جۈمە كۈنى كۈمۈشنىڭ باھاسى 17.23-17.10 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، جۈمە كۈنى ئەتىگەنكى تەھلىلدە بىز كۈمۈشنى 17.45-17.50 دىكى باھلاردىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 17.30-17.10 غىچە كۆرىمىز دېگەن ئىدۇق، كۈندۈزدىكى بازاردا كۈمۈشتىن چۈشۈشكە مال ئېلىشقا پۇرسەت بەرمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىز كۈمۈشنى 17.45-17.40 دىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېدۇق، كەچلىك بازاردىمۇ چۈشۈشكە مال ئېلىشقا پۇرسەت بەرمەي بازار كۆزىتىشنى ئاساس قىلدۇق.

2.كۈندۈزدىكى كۈمۈشنى ئۆرلىگەندىن كىيىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز، كونكېرت سودا تەھلىلى ھەر قايسى qq vip توپلېرىغا يوللىنىۋاتىدۇ.


ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى : 10605.56

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:17-17.40

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.