2017-يىلى 6-ئاينىڭ5-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

gulnur 2017-06-05 11:14:51

\

ئاساسىي ئانالىز
دۈشەنبە (6-ئاينىڭ5-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا كۈمۈشنىڭ باھاسى 17.59 دوللار ئەتراپىغا چىقىپ، بىر ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى، ئالدىنقى جۈمە (6-ئاينىڭ2-كۈنى) ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئادەم سانى ۋە مائاشنىڭ ئۈسۈش سانلىق قىممىتى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكى، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئۆسۈم قوشۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن دوللار باھاسى 7 ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ، كۈمۈش باھاسىنىڭ %1.5 كە يېقىن ئۆسۈشىگە سەۋەب بولغان. شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈندىكى كۈمۈش باھاسى يۇقىرى نۇقتا 17.59دوللارغا چىققان ھەمدە ئۇدا 4 ھەپتىدىكى ئۈسۈش ھالىتىنى كۆرسەتكەن. دۈشەنبە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكىدىكى چىدامچان بۇيۇملارنىڭ زاكاس بولۇنۇش ئەھۋالى ۋە LMCI ئىشقا ئورۇنلىشىشىنىڭ بازاردىكى سانلىق كۆرسەتمىسى.بىراق بۇ ھەپتە ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا بولسا پەيشەنبە كۈنىدىكى ئەنگىلىيىنىڭ چوڭ سايلىمى.


مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. جۈمە كۈنى كۈمۈشنىڭ باھاسى 17.56-17.11 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، ئالدىنقى جۈمە كۈنى بىز كۈمۈشنى 17.40-17.30 دىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 17.20-17.10 گىچە كۆرىمىز دېگەن ئىدۇق، ئەتىگەنلىك بازار ۋاقتىدا مال ئېلىشقا پۇرسەت بەرمىدى، شۇڭا بىز يەنە ياۋرۇپا بازىرى ۋاقتىدا كۈمۈشنى 17.20-17.30 دىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئالىمىز، پايدىسىنى 17-17.10 گىچە كۆرىمىز دېدۇق، ئومۇمەن كەچ تەرەپتىمۇ سودىغا كىرىشكە پۇرسەت بەرمەي بازار كۆزىتىشنى ئاساس قىلدۇق.

2.كۈندۈزدىكى بازاردا تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز، كونكېرت سودا تەھلىلى ھەر قايسى qq vip توپلېرىغا يوللىنىۋاتىدۇ.


ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى : 10605.56

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:17.40

مۇتەخەسسىس : ئالىيە


ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.