2017-يىلى 6-ئاينىڭ1 -كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

rabigul 2017-06-01 10:57:31

\

ئاساسىي ئانالىز
پەيشەنبە كۈنى خەلقئارا كۈمۈش باھاسى 17.35 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، چارشەنبە كۈنى دوللارنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە يەرلىك سىياسەت جىددىي كەيپىياتنىڭ تىرەشلىك بولىشى بىلەن ئالتۇن باھاسى 1274.9 دوللارغا چىقىپ بىر ئاي ئىچىدىكى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى، لېكىن كۈمۈش باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى ئانچە كۆرۈنەرلىك بولمىدى، كۈمۈش باھاسى يۇقىرى 17.42 دوللار ئەتراپىغا چىقتى، 5- ئايدا ئالتۇن كۈمۈش باھا ئۆزگىرىشى چوڭ ئەمەس ، سەۋەبى ئامېرىكىنىڭ 6- ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۇمكىنچىلىكى ئېشىپ ماڭغان. پەيشەنبە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولدىغىنى ئامېرىكا ADP ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دوكلاتى ۋە دەسلەپكى ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى قاتارلىق غەيرىي يېزا-ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىدىن بۇرۇنقى سانلىق ئۇچۇرلار ئىپادىسى.


مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. چارشەنبە كۈنى كۈمۈشنىڭ باھاسى 17.28-17.38 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، تۆنۈگۈن كۈندۈزدىكى تەھلىلدە كۈمۈشنى بىز 17.40-17.50 دىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 17.60 گە توختىتىمىز ، ئۆسۈشكە ئېلىش ئۈچۈن 17.20 دىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئالساق بولىدۇ، دېگەن ئىدۇق، ئاسىيا بازىرى ۋاقتىدا كۈمۈش باھاسى 17.21 دوللار ئەتراپىغا چۈشۈپ، 17.30 دوللار ئەتراپىغا چىقتى، ئەگەر مۇشۇ تەھلىل بۇيىچە ئۆسۈشكە مال ئالالىغان بولساق 10 نۇقتا پايدا ئالغان بولىمىز، ياۋرۇپا بازىرى ۋاقتىدا بىز يەنە كۈمۈشنى 17.40-17.50 دىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئالساق بولىدۇ ، قولىدا مېلى يۇق خېرىدارلار 17.35 دىكى باھالاردىن ئالساقمۇ بولىدۇ دەپ ئەسكەرتىش بەرگەنىدۇق، ھەم كەچلىك بازىرى ۋاقتىدا كۈمۈش باھاسى 17.25 دوللار ئەتراپىغا چۈشۈپ، چۈشۈش مېلىمىزدىن 10 نۇقتا پايدا كۆرۈلدى.

2.كۈندۈزدىكى بازاردا تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز، كونكېرت سودا تەھلىلى ھەر قايسى qq vip توپلېرىغا يوللىنىۋاتىدۇ.


ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى : 10605.56

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:17.40

مۇتەخەسسىس : ئالىيە


ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.