2017-يىلى 1-ئاينىڭ20-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

rabigul 2017-01-20 11:04:54

\

ئاساسىي ئانالىز
جۈمە (1-ئاينىڭ 20-كۈنى) ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا كۈمۈش باھاسى كىچىك دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلەپ 17.07 دوللار ئەتىراپىغا چىقتى. پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات ئومۇمىي جەھەتتىن نەتىجىسى ياخشى چىقتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا فېدېراتسىيە رەئىسى يېلىن (Jannet Yellen) تەدرىجى ئۆسۈم ئۆستۈرۈشكە قارىتا سۆز قىلدى؛ شۇ سەۋەبتىن كۈمۈش باھاسى تۆۋەنلەپ بىر قېتىمدىلا 16.73 دوللار ئەتىراپىغا چۈشتى؛ لېكىن ئارقىدىنلا يۇقىرى ئۆرلەپ كەتتى. بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان تىرامىپ رەسمىي قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى؛ تىرامىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن پۇل مۇئامىلە بازىرىدا زور ئۆزگىرىش يۈز بىرىشى مۇمكىن.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
پەيشەنبە كۈنى 16.85-17.05 دوللار ئارلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى؛ تۈنۈگۈن بىز ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈشنى كۈزتىشنى ئاساس قىلىپ 16.80 دوللاردىكى باھالار شەكىللەنگەندە ئۆسۈشكە ئالمىز دېگەن ئىدۇق، لېكىن كۈندۈزدىكى بازاردا كۈمۈشنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى 16.85 دوللار ئەتىراپىغا چۈشتى؛ كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ۋاقتىدا يەنە 16.97-17.05 ئەتىراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 16.85-16.75 ئەتىراپىغىچە كۆرىمىز دېگەن ئىدۇق، گەرچە مال ئېلىش نۇقتىسىغا پۇرسەت بەرگەن بولسىمۇ لېكىن مالنى چىقىرىشقا پۇرسەت بەرمىدى؛


2. بۈگۈن سودا قىلغاندا تۆۋەن باھادىن ئۆرلەشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز . تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتنى qqvip توپقا يوللايمىز.

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى : 10524.06


بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
17.25

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.