2016-يىلى 10-ئاينىڭ19-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

hasiyat 2016-10-19 11:21:12
\

ئاساسىي ئانالىز
چارشەنبە كۈنى خەلقئارا كۈمۈش باھاسى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا كىچىك دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلەپ،ھەر ئۇنسىيە كۈمۈش باھاسى 17.68دوللارنى كۆرسەتتى.سەيشەنبە كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ يەتتە ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىدىن تۆۋەنلىشى تەسىرىدىن ،كۈمۈش باھاسى %1يۇقىرى ئۆرلەش كۈرۈلۈپ، ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 17.72دوللار بولدى.ئۇنڭدىن باشقا ،ئامېرىكىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە ئېلان قىلغان پۇل پاخاللىقى سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى ياخشى چىقىپ،ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ 12-ئايدىكى ئۆسۈم قۇشۇش مۆلچەرىنى كۈچەيتىۋەتتى ئەكىسچە كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆسۈش بوشلۇقىنى چەكلەپ قويدى.بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بۇلىدىغىنى ئامېرىكا سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى.

مەشغۇلات باسقۇچى

1.تۈنۈگۈن كۈمۈش باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 17.72-17.44دوللار ئارلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. بىز ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈشنى ئالتۇن باھاسىنىڭ 1265دىكى توسالغۇ نۇقتىسىغا دىققەت قىلىمىز ئەگەر بۇ نۇقتىدىن ئېشىپ كەتسە كۈمۈشنى ئۆسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق لېكىن ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈش مال ئېلىش پۇرسىتى بەرمىدى. ياۋرۇپا بازىرىدا 17.55دىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئېلىپ پايدسنى 17.80گىچە كۆرىمىز دېگەن ئىدۇق كۈمۈش باھاسى ئەڭ يۇقىرى 17.72دىكى باھا كۈرۈلىدى ئەگەر ئۆسۈشنىڭ مېلىنى مۇشۇ باھادا چىقىرالىغان خېرىدارلار بولسا 20نۇقتىدىن ئارتۇق پايدا ئالغان بۇلىمىز.

2.بۈگۈن سودا قىلغاندا ئالتۇن باھاسىنىڭ يۆلىنىشىگە قارىتا سودا ئېلىپ بارىمىز.بۈگۈنكى تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتنى qqvip توپقا يوللايمىز.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

17.60-18

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.