2016-يىلى 8-ئاينىڭ25-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

zumrat 2016-08-25 11:34:12

\

ئاساسىي ئانالىز
سەيشەنبە كۈنى خەلقئارا كۈمۈش باھاسى ئاسىيا ئەتگەنلىك بازىرىدا 18.55 دوللار ئەتراپىدا تەۋرنىش ئېلىپ باردى. چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەمەلدارى يېلۈننىڭ جۈمە كۈنىدىكى ئۆسۈم قۇشۇش مۆلچەرى سەۋەبىدىن دوللار باھاسى ئۆسۈپ، كۈمۈش باھاسىنىڭ چۈشۈشگە بېسىم ئېلىپ كەلدى ھەمدە ئككى ئايدىن بېرى ئەڭ تۆۋەن 18.52 دوللارنى كۆرسەتتى.پەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنڭ دىققىتىدە بۇلدىغىنى ئامېرىكا فېدېراتىسىينىڭ دەسلەپكى ئشسىزلىق سوممىسى قاتارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلار.
مەشغۇلات باسقۇچى

1. تۆنۈگۈن كۈمۈش باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى ئەڭ يۇقىرى 3926-3828 ئارلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى . بىز تۈنۈگۈن كۈمۈشنى ئاسىيا بازىرىدا 4706-4087دىكى نۇقتىلاردىن چۈشۈشكە ئالىمىز دىگەن ئىدۇق بىراق ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈش باھاسى 4055 دىكى باھا كۆرۈلۈپ مال ئېلىش پۇرسىتى بەرمىدى. چۈشلۈك ئاسىيا بازىرىدا بىز يەنە 4023دىن ئۆسۈشكە ئېلىپ پايدىسنى 4055 -4065گىچە كۆرىمىز دىگەن ئىدۇق ياۋرۇپا بازىرىدا 4055دىكى باھا كۆرۈلۈپ بىز دىگەن نۇقتىدا ئۆسۈش مېلىنى چىقىرشقا پۇرسەت بەردى. كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا بىز يەنە 3980 دىن ئۆسۈشكە ئالىمىز دىگەن ئدۇق بىراق باھا چۈشۈش يۆلىنىشنى كۆرسەتكەچكە پايدا پۇرسىتىنى بەرمىدى ئەگەر ئاخشام ئۆسۈشكە مال ئالغان خېرىدارلار بولسا مالنى ساقلاپ تۇرۇپ مۇۋاپىق پايدا چىققاندا قولدىن چىقىرۋەتسە بۇلىدۇ.
بۈگۈن كۈمۈشنى سودا قىلغاندا يۇقرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلمىز يەنى ئاسىيا بازىرىدا 3996ئەتراپىدىكى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسنى 3953-3910گىچە كۆرىمىز .
بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
3910
مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.