2026-يىلى9- ئاينىڭ01- كۈندىكى كۈمۈش سودا خۇلاسىسى

ilkan_3 2026-09-01 16:10:53

\

ئاساسى ئانالىز
دۈشەنبە كۈنى (⁦8-ئاينىڭ ⁦31-كۈنى) نەق مال ئالتۇن باھاسى%⁦0.2⁩ چۈشۈپ، ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى ⁦4448.56⁩ ئامېرىكا دوللىرىدا بازار يېپىلىپ، بىر مەھەل ⁦4396.43⁩ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ⁦8-ئاينىڭ ⁦19-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە يارىتىلغان. ‮بۇ يۈزلىنىش ناھايىتى تېزلا بازارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان: ئۆتكەن بىر ئايدا، ئالتۇن جەمئىي%⁦9.7⁩ ئۆرلىگەن بولۇپ،⁦1-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئايلىق ئۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن، كۈمۈش بىلەن پاللادىي ئوخشاشلا كۈچلۈك بولغان.‮ لېكىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋاشنىڭ جېكسون خال مۇھاكىمە يىغىنىدىكى ئۆسۈم ئۆستۈرۈش پوزىتسىيەسى، ئىككى دۆلەت توقۇنۇشىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشى كەلتۈرۈپ چىقارغان نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈشى قوشۇلۇپ، بازار كەيپىياتىنى بىردىنلا ئۆزگەرتكەن. ‮ مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆسۈم نىسبىتى يولىنى قايتىدىن باھالاشقا باشلىغان، ئالتۇن باھاسى قىسقا مۇددەت ئىچىدە بېسىمغا ئۇچرىغان.
بۇ قېتىملىق تۆۋەنگە تەڭشەش يالغۇز خەۋەرلا ئەمەس، بەلكى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ گىرەلىشىپ كېتىشىنىڭ نەتىجىسى. ‮ ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە پۇل پاخاللىقى مۆلچەرىنىڭ ئۆرلىشى ئالتۇن باھاسىنى بېسىمغا ئۇچرتىدىغان يادرولۇق كۈچ بولۇپ قالغان؛ يۇقىرى دەرىجىلىك بازار تاكتىكىچىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە خام نېفىت ئامبار زاپىسىنىڭ تۆۋەنلىشى پۇل پاخاللىقى مۆلچەرىنى ئىلگىرى سۈردى، ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى داۋاملىق ئۆرلىدى، ئامېرىكا دوللىرىمۇ يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا يېقىنلاشتى ،‮ بۇ ئامىللار ئالتۇندىن ئىبارەت بۇ ئۆسۈمسىز مۈلۈكنى بىرلىكتە پايدىسىز مۇھىتقا دۇچار قىلدى،‮ گەرچە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىدە ئازراق تۆۋەنلەش كۆرۈلۈپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى بەلگىلىك دەرىجىدە چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي كەيپىيات ئۈمىدۋارلىقتىن ئېھتىياتچان بولۇشقا ئۆزگەردى.
سەيشەنبە كۈنى (⁦9-ئاينىڭ ⁦1-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا، نەق مال ئالتۇن باھاسى تار دائىرىدە تەۋرىنىپ، نۆۋەتتە ھەر ئۇنسىيەسى⁦4445⁩ ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا تەۋرىنىۋاتىدۇ؛

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈشنى 66.8-67.1 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 66.8 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ 66.3 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ھەمدە 65.2-65.4 ئەتراپىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 65.6 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 66.2 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ياۋروپا بازىرىدا كۈمۈشنى 67.3-67.6 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 67.3 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ 66.6 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛
ئامېرىكا بازىرىدا تەھلىل ئورۇنلاشتۇرمىدۇق؛ ئومۇمەن، دۈشەنبە كۈنى كۈمۈش سودا پىلانى بويىچە 180 نۇقتا ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى؛ دۈشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى دائىرە ئىچىدە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلدى.
2.بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈشنى يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە، تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلساق بولدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ؛
دىققەت قىلدىغان نۇقتىلىرى:
توسالغۇ نۇقتىسى: 68.0-68.5 ، 67.2-67.6؛
تىرەش نۇقتىسى:
65.6-66.0 ، 64.6-65.0؛
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.