2026-يىلى8- ئاينىڭ5- كۈندىكى كۈمۈش سودا خۇلاسىسى

ilkan_3 2026-08-05 15:09:43

\

ئاساسى ئانالىز
سەيشەنبە كۈنى (⁦8-ئاينىڭ⁦4-كۈنى)، نەق مال ئالتۇن باھاسى%⁦0.5⁩ ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى ⁦4077.21⁩ ئامېرىكا دوللىرى بولغان، يەنە بىر مەھەل%⁦1.2⁩ ئۆسۈپ ⁦4106.24⁩ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن؛ ‮ بۇ ئۆسۈش دولقۇنى يالغۇز خەۋەرلەرنىڭ تەسىرىدىن ئەمەس، بەلكى نېفىت باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىشى، جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەتنىڭ پەسىيىشى، پۇل پاخاللىقى ئەندىشىسىنىڭ پەسىيىشى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ سىياسەت يولىنى قايتىدىن بېكىتىشىدىن ئىبارەت كۆپ خىل ئامىللارنىڭ نەتىجىسى؛‮ بازار بۇ ھەپتە ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى ساقلاۋاتىدۇ، بۇ سانلىق مەلۇمات ئالتۇننىڭ قىسقا مۇددەتلىك يۆنىلىشىنى تېخىمۇ بەلگىلەيدىكەن. ‮ چارشەنبە كۈنى (⁦8-ئاينىڭ ⁦5-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا، نەق مال ئالتۇن باھاسى ئازراق ئاجىزلاپ، نۆۋەتتە ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى ⁦4070⁩ ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولۋاتىدۇ؛

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا يوللىغان سودا پىلانى بويىچە سودا پۇرسىتى بەرمىدى؛ ياۋروپا بازىرىدا كۈمۈشنى 59.2-59.3 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 59.1 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ 58.5 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ھەمدە 58.4 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 58.5 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 59.4 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛
ئامېرىكا بازىرىدا تەھلىل ئورۇنلاشتۇرمىدۇق؛ ئومۇمەن، سەيشەنبە كۈنى كۈمۈش سودا پىلانى بويىچە تەخمىنەن 150 نۇقتا ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى؛ سەيشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى ئۆسۈشنى ئاساس قىلدى.
2.بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈشنى يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە، تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلساق بولدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ؛
دىققەت قىلدىغان نۇقتىلىرى:
توسالغۇ نۇقتىسى: 60.20 ، 60.80؛
تىرەش نۇقتىسى: 59.20 ، 58.60 ؛

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.