2026-يىلى8- ئاينىڭ4- كۈندىكى كۈمۈش سودا خۇلاسىسى

ilkan_3 2026-08-04 15:28:48

\

ئاساسى ئانالىز
نەق مال ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە كۈنى (⁦8-ئاينىڭ ⁦3-كۈنى) ھەر ئۇنسىيەسى ⁦4082⁩ ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىغا ئۆرلەپ، كېيىن ⁦4020⁩ ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىغا چۈشۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ⁦4055.34⁩ ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بازار يېپىلغان؛ ⁦قارىماققا، بۇ پەقەت بىر قېتىملىق كىچىك كۆلەملىك تەڭشەش بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئەكس ئەتكىنى جۇغراپىيلىك توقۇنۇش قايتا-قايتا ھەل بولماسلىق، خام نېفىت باھاسى شىددەتلىك داۋالغۇش، پۇل پاخاللىقى مۆلچەرى قايتىدىن باش كۆتۈرۈش ھەمدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ سىياسەت يولى يۈكسەك دەرىجىدە ئېنىقسىز بولۇش قاتارلىق كۆپ خىل كۈچلەرنىڭ كەسكىن كۈرىشى بولغان.‮ ئالتۇننىڭ ⁦4000⁩ دوللاردىن ⁦4200⁩ دوللارغىچە بولغان تار دائىرىدە تەۋرىنىۋاتقىنىغا بىر ئايدىن ئاشقان بولۇپ، ھەر قېتىملىق جۇغراپىيەلىك سىياسىيدىكى ساختا ھەرىكەت بازارنىڭ سەۋرچانلىقى ۋە باھا بېكىتىش لوگىكىسىنى سىنايدىكەن؛‮ سەيشەنبە كۈنى (⁦8-ئاينىڭ ⁦4-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا، نەق مال ئالتۇن باھاسى يەنىلا ⁦4050⁩ ئەتراپىدا تار دائىرىدە تەۋرەنگەن بولۇپ، بازار جۇغراپىيلىك ۋەزىيەتكە داۋاملىق دىققەت قىلماقتا، بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ ⁦6⁩-ئايدىكى ⁦JOLTs⁩ خىزمەت ئورنى بوش سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلار نۇقتىلىق دىققەت قىلىشى كېرەك؛

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈشنى 58.50-58.60 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 58.5 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ 57.7 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ھەمدە 57.7 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 57.7 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 58.6 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ياۋروپا بازىرىدا كۈمۈشنى ئوخشاشلا 58.5-58.6 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 58.3 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ 56.5 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛
ئامېرىكا بازىرىدا تەھلىل ئورۇنلاشتۇرمىدۇق؛ ئومۇمەن، دۈشەنبە كۈنى كۈمۈش سودا پىلانى بويىچە تەخمىنەن 350 نۇقتا ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى؛ دۈشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى چۈشۈشنى ئاساس قىلدى.
2.بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈشنى يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە، تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلساق بولدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ؛
دىققەت قىلدىغان نۇقتىلىرى:
توسالغۇ نۇقتىسى: 58.65 ، 59.10؛
تىرەش نۇقتىسى: 58.0 ، 57.50 ؛

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.