2026-يىلى7- ئاينىڭ08- كۈندىكى كۈمۈش سودا خۇلاسىسى

ilkan_3 2026-07-08 16:42:56

\

ئاساسى ئانالىز
سەيشەنبە كۈنى (7-ئىيۇل)، گەرچە ھورمۇز بوغۇزى رايونىدىكى جىددىي ۋەزىيەت كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، نەق مال ئالتۇننىڭ باھاسى شۇ كۈنى %1.42 چۈشۈپ، ھەر ئۇنسىيەسى 4105 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بازار يېپىلغان، بۇ يۈزلىنىش بازاردا يېقىنقى تۆت ئايدىن بۇيان شەكىللەنگەن سودا لوگىكىسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بولۇپ، جىددىي ۋەزىيەت كەسكىنلەشكەندە، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى يەر شارى پۇل پاخاللىقى مۆلچەرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتىنى ساقلاش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتىپ، ئالتۇن باھاسىغا باسقۇچ خاراكتېرلىك بېسىم پەيدا قىلىدىكەن؛ مەبلەغ سالغۇچىلار نۆۋەتتە ئاساسلىق دىققىتىنى پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 6-ئايلىق يىغىن خاتىرىسىگە قاراتماقتا، بۇنىڭدىن كەلگۈسى پۇل سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشى توغرىسىدا ئېنىق كۆرسەتمىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن؛ چارشەنبە كۈنى (7-ئاينىڭ 8-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا، نەق مال ئالتۇن باھاسى تار دائىرىدە تەۋرىنىپ، ھازىر 4100 ئۆتكەل ئەتراپىدا تەۋرىنىۋاتىدۇ؛

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈشنى 61.10-61.30 ئارلىقىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 61.10 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 61.3 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ياۋروپا بازىرىدا كۈمۈشنى 60.6-60.8 ئارلىقىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 60.8 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 61.2 ئەتراپىدا چىقرىىشقا پۇرسەت بەردى؛ ھەمدە 61.3-61.6 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 61.3 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ 60.7 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛
ئامېرىكا بازىرىدا تەھلىل ئورۇنلاشتۇرمىدۇق؛ ئومۇمەن، سەيشەنبە كۈنى كۈمۈش سودا پىلانى بويىچە 100 نۇقتا ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى؛ سەيشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى دائىرە ئىچىدە تەۋرەنمە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلدى.
2.بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈشنى يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە، تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلساق بولدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ؛
دىققەت قىلدىغان نۇقتىلىرى:
توسالغۇ نۇقتىسى: 60.4-60.7 ، 61.5؛
تىرەش نۇقتىسى: 59.4-59.6 ، 59.0 ، 58.3؛

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.