2026-يىلى6- ئاينىڭ5- كۈندىكى كۈمۈش سودا خۇلاسىسى

ilkan_3 2026-06-05 12:16:53

\

ئاساسى ئانالىز
يەر شارى ئالتۇن بازىرى پەيشەنبە كۈنى (6-ئاينىڭ 4-كۈنى) كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ، بىر مەھەل 4515 ئامېرىكا دوللىرى/ئۇنسىيە يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەن، ئەڭ ئاخىرىدا 4475 ئامېرىكا دوللىرى/ئۇنسىيە ئەتراپىدا بازار يېپىلىپ، ئۆسۈش نىسبىتى %1 كە يېقىنلاشقان. بۇ داۋالغۇشنىڭ كەينىدە جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىش بار بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر بازارنىڭ ئىككى دۆلەت تىنچلىق كېلىشىمىگە بولغان ئۈمىدۋار مۆلچەرىنى بىر مەھەل تۇتاشتۇرۇپ، ئامېرىكا دوللىرى ۋە ئامېرىكا قەرزىنىڭ پايدا نىسبىتىنى بىۋاسىتە بېسىمغا ئۇچرىتىپ، ئالتۇن مۈلكىگە كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچى قوشقان.
بىراق ئەڭ يېڭى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويغان توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېلىشىمىنى رەت قىلغان. بۇ ترامپنىڭ شۇ جايدىكى توقۇنۇشنى بىرلا ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرۇش ھەمدە ئىككى دۆلەت كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقىنى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراتقان. شۇ سەۋەبتىن ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈش جەڭگىۋارلىقى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، بازارنىڭ نەزىرى جۈمە كۈنى (6-ئاينىڭ 5-كۈنى) ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكىنىڭ 5-ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتىغا مەركەزلەشكەن.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. پەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈشنى 73.7-73.9 ئارلىقىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 73.9 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ 72.9 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ھەمدە 72.5 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 72.9 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 73.3 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ياۋروپا بازىرىدا كۈمۈشنى 73.7-73.9 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 73.6 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ 73.3 ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛
ئامېرىكا بازىرىدا تەھلىل ئورۇنلاشتۇرمىدۇق؛ ئومۇمەن، پەيشەنبە كۈنى كۈمۈش سودا پىلانى بويىچە 130 نۇقتا ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى؛ پەيشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى ئۆسۈشنى ئاساس قىلدى؛
2.بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈشنى يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە، تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلساق بولدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ؛
دىققەت قىلدىغان نۇقتىلىرى:
توسالغۇ نۇقتىسى: 73.75-73.90 ، 75.10-75.30 ، 76.60-76.80؛
تىرەش نۇقتىسى: 72.50-72.60 ، 71.75-71.90 ، 70.70-71.0؛

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ .قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.