2026-يىلى6- ئاينىڭ3- كۈندىكى كۈمۈش سودا خۇلاسىسى

ilkan_3 2026-06-03 12:10:24

\

ئاساسى ئانالىز
جۇغراپىيلىك ۋەزىيەت يەنە بىر قېتىم كەسكىنلەشكەن؛ جۇغراپىيلىك توقۇنۇش جۇغراپىيەلىك سىياسىي خەتەرنى شىددەت بىلەن ئاشۇرۇپلا قالماي، خەلقئارا ئالتۇن باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقارغان. چارشەنبە كۈنى (6-ئاينىڭ 3-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا، نەق مال ئالتۇن بىر مەھەل %0.5 كە يېقىن چۈشۈپ، ھەر ئۇنسىيەسى 4462.24 ئامېرىكا دوللىرىغا تۆۋەنلىگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى خىزمەت ئورنى ۋە ئەمگەك كۈچىنىڭ يۆتكىلىشىنى تەكشۈرۈش (JOLTS) سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىدا مۇرەككەپ سىگنال كۆرۈلگەن، خىزمەت ئورنى بوش قالغان كۈچلۈك ئېشىش نىسبىتى ئامېرىكا دوللىرىنى تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، ئالتۇننىڭ داۋالغۇش يۈزلىنىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. توقۇنۇشنىڭ ئېنىقسىزلىقى بىلەن ماكرولۇق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ گىرەلىشىپ كېتىشىنىڭ تەسىرىدە، بازار كەيپىياتى شىددەت بىلەن داۋالغۇپ، نېفىت باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلىگەن، ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت باھاسى بىر يېرىم ھەپتىلىك يۇقىرى نۇقتىنى يېڭىلاپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 96.05 دوللارغا يەتكەن، پۇل پاخاللىقى مۆلچەرى شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆرلەپ، ئۆسۈمسىز مۈلۈك ئالتۇنغا كۆرۈنەرلىك بېسىم پەيدا قىلغان.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈشنى 75.5-75.8 ئارلىقىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 75.5 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ 75.1 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ياۋروپا بازىرىدا كۈمۈشنى 76.8-77.0 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 77.0 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ 76.1 ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛
ئامېرىكا بازىرىدا تەھلىل ئورۇنلاشتۇرمىدۇق؛ ئومۇمەن، سەيشەنبە كۈنى كۈمۈش سودا پىلانى بويىچە 130 نۇقتا ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى؛ سەيشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى چۈشۈشنى ئاساس قىلدى؛
2.بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈشنى يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە، تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلساق بولدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ؛
دىققەت قىلدىغان نۇقتىلىرى:
توسالغۇ نۇقتىسى: 75.1 ، 76.4 ، 77.4؛
تىرەش نۇقتىسى: 74.3 ، 73.7 ، 73.0؛

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ .قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.