2026-يىلى6- ئاينىڭ2- كۈندىكى كۈمۈش سودا خۇلاسىسى

ilkan_3 2026-06-02 12:06:34

\

ئاساسى ئانالىز
دۈشەنبە كۈنى (6-ئاينىڭ 1-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا، نەق مال ئالتۇننىڭ باھاسى تەۋرەنمە تەۋرىنىش ھالتىدە چۈشۈش يۈزلىنىشىنى كۆرسىتىپ، بىر مەھەل ھەر ئۇنسىيەسى 4447.71 ئامېرىكا دوللىرىلىق كۈن ئىچىدىكى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن؛ بۇ چۈشۈشنىڭ كەينىدە كۆپ خىل ئامىللار ئورتاق رول ئوينىغان بولۇپ، بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان 5-ئايلىق ISM ياساش كەسپى سېتىۋېلىش دېرىكتورى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان، بۇ سانلىق مەلۇمات ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ يۈزلىنىشىنى ئاشۇرۇپ، ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابلىنىدىغان ئالتۇنغا بىۋاستە بېسىم پەيدا قىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرى مەزگىلىدە، جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەت يەنە بىر قېتىم جىددىيلەشكەن، ھەم دۆلەتلەر ئارا توقۇنۇش كۈچەيگەن؛ توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى بۇ خەۋەرلەر بازارنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي خەتەرگە بولغان ئەندىشىسىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ %8 تىن ئېشىپ كېتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى بازارنىڭ پۇل پاخاللىقى ئىستىقبالىغا بولغان ئەندىشىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن ھەمدە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈم قوشۇش مۇمكىنچىلىكىگە بولغان مۆلچەرىنى كۈچەيتكەن، بۇ ئامىللار بىرلىكتە ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئىلىپ كەلگەن؛

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈشنى 74.8-75.0 ئارلىقىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 75.1 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 75.9 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ھەمدە 75.9-76.2 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 75.9 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ 75.2 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ياۋروپا بازىرىدا يوللىغان سودا پىلانى بويىچە سودا پۇرسىتى بەرمىدى؛
ئامېرىكا بازىرىدا تەھلىل ئورۇنلاشتۇرمىدۇق؛ ئومۇمەن، دۈشەنبە كۈنى كۈمۈش سودا پىلانى بويىچە 150 نۇقتا ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى؛ دۈشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى دائىرە ئىچىدە تەۋرەنمە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلدى؛
2.بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈشنى يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە، تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلساق بولدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ؛
دىققەت قىلدىغان نۇقتىلىرى:
توسالغۇ نۇقتىسى: 75.8 ، 76.5 ، 77.0؛
تىرەش نۇقتىسى: 74.4 ، 73.2 ، 72.5؛

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ .قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.