2026-يىلى5- ئاينىڭ6- كۈندىكى كۈمۈش سودا خۇلاسىسى

ilkan_3 2026-05-06 12:27:56

\

ئاساسى ئانالىز
نەق مال ئالتۇننىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ھەر ئۇنسىيەسى 4557.27 ئامېرىكا دوللىرىلىق بازار يېپىلىش باھاسى خاتىرىلىنىپ، پۈتۈن كۈنلۈك ئۆسۈش نىسبىتى %0.74 كە يەتكەن. بۇ ئۆرلەش ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە كۈنى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا 4501 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەندىن كېيىن يۈز بەرگەن. ئامېرىكا ئالتۇن ئالماشتۇرۇشنىڭ بازار ئانالىزچىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: يېقىنقى تۆكمە قىلىپ سېتىشتىن كېيىن كۆرۈلگەن تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىش باھاسى نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن بىرلىكتە ئالتۇن باھاسىنى قوللىدى. بۇ سېتىۋالغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى جۇغراپىيەلىك مۇھىت ۋە ماكرولۇق ئىقتىساد ئارقا كۆرۈنۈشى يەنىلا ئالتۇن باھاسىنىڭ نىسبەتەن يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇشىغا يېتەرلىك ئىكەن.
لېكىن بازار ئانالىزچىسى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئالتۇننى ئۆرلەيدۇ دەپ قارايدىغانلار نۆۋەتتە زور بىر ئاساسىي پايدىغا موھتاج بولغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تۈردە ئىشەنچنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ جۈملىنىڭ يوشۇرۇن مەنىسى بولسا: نۆۋەتتىكى قايتا ئۆرلەش يۈزلىنىش خاراكتېرلىك تەتۈر ئايلىنىش ئەمەس، بەلكى تېخنىكىلىق ۋە كەيپىيات خاراكتېرلىك. ئەگەر ئالتۇن باھاسى ئالدىنقى مەزگىلدىكى يۇقىرى نۇقتىغا جەڭ ئېلان قىلماقچى بولسا، تېخىمۇ كۈچلۈك كاتالىزاتورغا موھتاج.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈشنى 73.50-73.70 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 73.40 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ 72.60 ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ھەمدە 72.60-72.40 ئارلىقىدىكى باھالاردا مۇقىم تۇرالىسا ئۆسۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 72.60 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 73.7 ئەتراپىغىچە چىقرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ياۋروپا بازىرىدا كۈمۈشنى 73.50-73.70 ئارلىقىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 73.7 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ 73.3 ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛
ئامېرىكا بازىرىدا تەھلىل ئورۇنلاشتۇرمىدۇق؛ ئومۇمەن، سەيشەنبە كۈنى كۈمۈش سودا پىلانى بويىچە 230 نۇقتا ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى؛ سەيشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى ئۆسۈشنى ئاساس قىلدى؛
2.بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈشنى يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە، تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلساق بولدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ؛
دىققەت قىلدىغان نۇقتىلىرى:
توسالغۇ نۇقتىسى: 75.40 ، 76.50؛
تىرەش نۇقتىسى: 73.80 ، 73.0؛

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ .قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.