ئالدىنقى ھەپتىلىك كۈمۈش سودا خۇلاسسسى

ilkan_3 2026-05-05 15:36:23

\

ئاساسىي يۈز ئانالىزى:
1. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ مۆلچەرى: يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىشنى كېچىكتۈرۈشى، ئالتۇن باھاسىغا قىسقا مۇددەت بېسىم ئىلىپ كەلگەن؛
2. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يۈزلىنىشى: ئالدىنقى ھەپتە ئىچىدە دوللار ئالدى بىلەن كۈچىيىپ، ئاندىن ئاجىزلىغان بولۇپ ، بىۋاستە ئالتۇن-كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولغان؛
3. كۈمۈشنىڭ ئەۋزەللىكى: سانائەت ئېھتىياجى + تەمىنلەش كەمچىل بولۇش + تۆۋەن ئالتۇن-كۈمۈش نىسبىتى (63: 1) ، كۈمۈشنىڭ ئېلاستىكىلىقى ئالتۇندىن خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، ئۆرلەش ئۈستۈنلىكنى ئىگلىگەن.
4. جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەتنىڭ پەسىيىشى: جۇغراپىيلىك جىددىي ۋەزىيەت تۆۋەنلەپ، خەۋپ-خەتەر كەيپىياتى ئەسلىگە كەلگەن، بۇ ئەھۋاللارنىڭ سانائەت مېتاللىرىغا (كۈمۈش) بولغان پايدىسى تېخىمۇ روشەن بولغان.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. ئادەتتە بىز دۈشەنبە كۈنىدىن جۈمە كۈنگىچە بولغان بەش سودا كۈندە ئاسىيا-ياۋروپا بازىرىغا قارىتا بىر كۈندە جەمئىي 2 قېتىم سودا پىلانى يوللايمىز؛ ئىككى قېتىملىق كۈمۈش سودا پىلانى بويىچە ئالدىنقى ھەپتە دۈشەنبە كۈنى تەخمىنەن 40 نۇقتا ئەتراپىدا زىيان شەكىللەندى. سەيشەنبە كۈنى تەخمىنەن 170 نۇقتا ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى. چارشەنبە كۈنى تەخمىنەن 180 نۇقتا ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى. پەيشەنبە كۈنى تەخمىنەن 60 نۇقتا ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى. جۈمە كۈنى تەخمىنەن 30 نۇقتا ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى. ئومۇمەن، ئالدىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە كۈمۈش سودا پىلانى بويىچە تەخمىنەن 440 نۇقتا ئەتراپىدا پايدا، 30 نۇقتا ئەتراپىدا زىيان شەكىللەندى؛ ئالدىنقى ھەپتە كۈمۈش باھاسى 77.0 دوللاردىن 70.81 دوللارغىچە بولغان ئارلىقتا تەۋرىنىش ئىلىپ باردى؛ يۆنىلىشى جەھەتتىن ئاساسلىقى ئۆسۈشنى ئاساس قىلدى؛
2. كۈندىلىك سودا پىلانى، ئوتتۇرا، ئۇزۇن مەزگىللىك سودا پىلانى ۋە بازارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم سانلىق ئۇچۇر، خەۋەرلەر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛

ئالدىنقى ھەپتىدىكى مۇھىم نۇقتىلىرى:

توسالغۇ نۇقتىلىرى: 77.5 ، 77.0 ، 76.0 ، 75.5 ؛

تىرەش نۇقتىلىرى: 74.5 ، 74.0 ، 72.5 ، 72.2 ، 72.0؛

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.