-2026يىلى4- ئاينىڭ20- كۈندىكى كۈمۈش سودا خۇلاسىسى

ilkan_3 2026-04-20 15:48:24

\

ئاساسى ئانالىز
دۈشەنبە كۈنى (4-ئاينىڭ 20-كۈنى) خەلقئارا ئالتۇن باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، 07:30 غىچە، بىر مەھەل 60 ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك چۈشۈپ، ئەڭ تۆۋەن باھا 4760 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇ كەسكىن تەڭشەش ئالدىنقى جۈمە كۈنىدىكى كۈچلۈك ئىپادىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەن، ئاساسلىقى ھەپتە ئاخىرىدىكى جۇغراپىيلىك ۋەزىيەتنىڭ تۇيۇقسىز يامانلىشىپ كەتكەنلىكىدىن بولغان: ھورمۇز بوغۇزى يەنە تاقالغان، ئىران تەرەپ بولسا ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئىككى دۆلەت سۆھبىتىگە قاتنىشىشنى ئېنىق رەت قىلغان ھەمدە ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى ۋە ئۆچ ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم بەرگەن. بۇ بىر قاتار ۋەقەلەر يەر شارى ئېنېرگىيە خەتىرىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە بازارنىڭ پۇل پاخاللىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش مۆلچەرىنى كۆرۈنەرلىك بېسىمغا ئۇچرىتىپ، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ تېز سۈرئەتتە بىر ھەپتىلىك يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئالتۇنغا كۆرۈنەرلىك بېسىم پەيدا قىلغان.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. جۈمە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈشنى 79.5-80.5 ئارلىقىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 78.0-77.5 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ يۇقىرى باھا 79.2 ئەتراپىغا چىقىپ، چۈشۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمەيلا پايدا رايۇنغا يىتىپ كەتتى؛ ئۆسۈشكە ئىلىش ئۈچۈن 77.5-78.0 ئارلىقىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 79.0-79.5 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ تۆۋەن باھا 78.5 ئەتراپىغىچە چۈشۈپ ئۆسۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمەيلا پايدا رايۇنغا يېتىپ كەتتى؛ ياۋروپا بازىرىدا كۈمۈشنى 79.50-80.0 ئارلىقىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 78.0-77.5 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ 79.5 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ 79.0 ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ئۆسۈشكە ئىلىش ئۈچۈن 77.5-78.0 ئەتراپىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 79.0-79.5 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ تۆۋەن باھا 79.0 ئەتراپىغا چۈشۈپ ئۆسۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمەيلا پايدا رايۇنغا يېتىپ كەتتى؛ ئامېرىكا بازىرىدا تەھلىل ئورۇنلاشتۇرمىدۇق؛ ئومۇمەن، جۈمە كۈنى ئىككى قېتىملىق كۈمۈش سودا پىلانى بويىچە 50 نۇقتا ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى؛ جۈمە كۈنى كۈمۈش باھاسى ئۆسۈشنى ئاساس قىلدى؛
2.بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈشنى يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە، تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلساق بولدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ؛
دىققەت قىلدىغان نۇقتىلىرى:
توسالغۇ نۇقتىسى: 81.0 ، 82.5؛
تىرەش نۇقتىسى: 79.8 ، 79.0 ، 78.5 ، 77.5؛

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ .قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.