-2026يىلى4- ئاينىڭ07- كۈندىكى كۈمۈش سودا خۇلاسىسى

ilkan_3 2026-04-07 15:08:47

\

ئاساسى ئانالىز
دۈشەنبە (4-ئاينىڭ 6-كۈنى)، ئالتۇن باھاسى 4600-4700 ئارلىقىدا تەۋرىنىپ، ئاخىرىدا 4650 دوللار بىلەن بازار يېپىلىپ ، تۆۋەنلەش نىسبىتى% 0.55 بولغان. قارىماققا مۆتىدىل كۆرۈنىدىغان بۇ تۆۋەنلەشنىڭ كەينىگە بىر مەيدان توقۇنۇش، پۇل پاخاللىقى ۋە ئۆسۈم نىسبىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇرەككەپ تەسىرلەر يوشۇرۇنغان.
ترامپ ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەت ئامېرىكا شەرقىي ۋاقتى سەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 8 گە (بېيجىڭ ۋاقتى چارشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 گە) يېقىنلاشقان.
ئالتۇن بازىرى بىر ھالقىلىق نۇقتىدا تۇرىۋاتىدۇ. بىر تەرەپتىن، ئالتە ھەپتىگە يېقىن داۋاملاشقان جۇغراپىيلىك توقۇنۇش خەتەردىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنى ئاشۇرغان. يەنە بىر تەرەپتىن، توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان پۇل پاخاللىقى بېسىمى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنى پۇل سىياسىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ھەتتا چىڭىتىشقا مەجبۇر قىلماقتا، بۇ ئۆسۈم ئالمايدىغان ئالتۇنغا ئەجەللىك بېسىم پەيدا قىلغان. سەيشەنبە كۈنى (4-ئاينىڭ 7-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا، نەق مال ئالتۇن تار دائىرىدە تەۋرىنىپ، نۆۋەتتە ھەر ئۇنسىيەسى 4655 دوللار ئەتراپىدا بولۋاتىدۇ.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈشنى 73.0-73.50 ئارلىقىدىكى باھالاردا مۇقىم تۇرالىسا چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 71.80-71.0 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ چۈشۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمەيلا پايدا رايۇنغا يېتىپ كەتتى؛ ئۆسۈشكە ئىلىش ئۈچۈن 70.0-70.5 ئارلىقىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 71.50-72.50 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ ئۆسۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمەيلا پايدا رايۇنغا يېتىپ كەتتى؛ ياۋروپا-ئامېرىكا بازىرىدا تەھلىل ئورۇنلاشتۇرمىدۇق؛ ئومۇمەن، دۈشەنبە كۈنى بىر قېتىملىق كۈمۈش سودا پىلانى بويىچە پايدا-زىيان شەكىللەنمىدى؛ دۈشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى دائىرە ئىچىدە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلدى؛
2.بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈشنى يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە، تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلساق بولدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ؛
دىققەت قىلدىغان نۇقتىلىرى:
توسالغۇ نۇقتىسى: 72.50، 73.0؛
تىرەش نۇقتىسى: 71.50 ، 70.0؛

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ .قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.