-2026يىلى3- ئاينىڭ3- كۈندىكى كۈمۈش سودا خۇلاسىسى

ilkan_3 2026-03-03 15:53:46

\

ئاساسى ئانالىز
دۈشەنبە ( 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ) يەر شارى ئالتۇن بازىرىدا كەسكىن داۋالغۇش بولغان. جۇغراپىيەلىك خېيىم-خەتىرى شىددەت بىلەن كۈچىيىپ، خەتەردىن ساقلىنىش مەبلىغى زور دەرىجىدە ئالتۇن بازىرىغا ئېقىپ كىرىپ، نەق مال ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر مەھەل 5400 ئامېرىكا دوللىرى ئۆتكىلىنى بۆسۈپ ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى باھا 5419.01 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئاخىرىدا 5321.97 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بازار يېپىلىپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن %0.3 ئۆرلىگەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئالتۇننىڭ ئومۇمىي ئۆسۈش نىسبىتى %23 كە يېتىپ، 2025-يىلىدىكى %64 كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۆسۈش ۋەزىيىتى داۋاملاشقان. سەيشەنبە كۈنى ( 3-مارت ) ئاسىيا بازىرىدا، نەق مال ئالتۇن يۇقىرى دەرىجىدە داۋالغۇپ تۇرغان، نۆۋەتتە ھەر ئۇنسىيە 5332.87 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا سودا تەۋرەنمەكتە؛ گەرچە ئامېرىكا ۋە ئامېرىكا قەرز پايدا نىسبىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلىشى ئۆسۈش نىسبىتىنى بەزى چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئالتۇن باھاسىنىڭ قىسقا سىزىقتا داۋاملىق ئۆرلىشىدىن ئۈمىد بار. جۇغراپىيەلىك توقۇنۇش ئومۇميۈزلۈك كۈچىيىپ، خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتى بازار يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلغان.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈشنى 88.80-89.0 ئارلىقىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 89.80-90.0 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ ئۆسۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمەيلا پايدا رايۇنغا يىتىپ كەتتى؛ چۈشۈشكە ئىلىش ئۈچۈن 89.80-90.0 ئارلىقىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىپ 89.0-88.80- ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ چۈشۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەردى، لېكىن پايدا رايۇنغا پۇرسەت بەرمەي زىيان نۇقتىسىدا چىقىپ كەتتى؛ ياۋروپا-ئامېرىكا بازىرىدا تەھلىل ئورنلاشتۇرمىدۇق؛ ئومۇمەن، دۈشەنبە كۈنى كۈمۈش سودا پىلانى بويىچە 35 نۇقتا ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى؛ دۈشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى ئۆسۈشنى ئاساس قىلدى؛
2.بۈگۈن كۈمۈشنى سودا قىلغاندا يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە، تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلىمىز؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ؛
دىققەت قىلدىغان نۇقتىلىرى:
توسالغۇ نۇقتىسى: 91.5 ، 92.0 ، 92.8 ، 94.0 ، 95.0؛
تىرەش نۇقتىسى: 89.5 ، 89.0 ، 88.0 ، 86.0؛

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ .قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.