-2026يىلى3- ئاينىڭ2- كۈندىكى كۈمۈش سودا خۇلاسىسى

ilkan_3 2026-03-02 15:42:12

\

ئاساسى ئانالىز
دۈشەنبە ( 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ) ئاسىيا بازىدا نەق مال ئالتۇن باھاسى يۇقىرى باھادا ئېچىلىپ %1.8 ئۆرلىگەن بولۇپ، 5371 ئەتراپىدا تەۋرنىۋاتىدۇ.
ئاساسىلىقى ئامېرىكا-ئىران توقۇنۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۈچىيىشى دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزگەن، ئالتۇن ئەنئەنىۋى خەتەردىن ساقلىنىش مۈلكى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۈچلۈك ئۆرلىگەن.
ئالدىنقى ھەپتە نەق مال ئالتۇن باھاسى جەمئىي %3.12 ئۆرلەپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەر ئۇنسىيە 5281.15 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بازار يېپىلغان، ھەپتىنىڭ بېشىدىكى باشلىنىش باھاسى 5146.59 ئامېرىكا دوللىرىدىن زور دەرىجىدە ئۆرلىگەن بولۇپ، جۇغراپىيەلىك خەۋپ-خەتەر ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلانغان.
خورمۇز بوغۇزى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشىدىن ئىبارەت بىر قاتار خەۋەرلەر بازارغا داۋاملىق خەۋپ-خەتەر سىگنالى تارقىتىپ، مەبلەغنىڭ ئالتۇن بازىرىغا كەڭ كۆلەمدە ئېقىپ كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن، قىسمەن چەت ئەل مەبلىغى مەبلەغ سېلىش بانكىلىرى ھەتتا ئەگەر توقۇنۇش داۋاملىق كەسكىنلەنسە، ئالتۇن باھاسىنىڭ ھەر ئۇنسىيە ئالتۇن باھاسىنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشىدىن ئۈمىد بار دەپ مۆلچەرلىگەن.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. جۈمە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈشنى 88.80-89.0 ئارلىقىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 89.80-90.0 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ ئۆسۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمەيلا پايدا رايۇنغا يىتىپ كەتتى؛ چۈشۈشكە ئىلىش ئۈچۈن 89.80-90.0 ئارلىقىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىپ 89.0-88.80- ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ چۈشۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەردى، لېكىن پايدا رايۇنغا پۇرسەت بەرمەي زىيان نۇقتىسىدا چىقىپ كەتتى؛ ياۋروپا-ئامېرىكا بازىرىدا تەھلىل ئورنلاشتۇرمىدۇق؛ ئومۇمەن، جۈمە كۈنى كۈمۈش سودا پىلانى بويىچە 50 نۇقتا ئەتراپىدا زىيان شەكىللەندى؛ جۈمە كۈنى كۈمۈش باھاسى ئۆسۈشنى ئاساس قىلدى؛
2.بۈگۈن كۈمۈشنى سودا قىلغاندا يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە، تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلىمىز؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ؛
دىققەت قىلدىغان نۇقتىلىرى: توسالغۇ نۇقتىسى: 93.80 ، 94.0، 95.5 ، 96.0 ، 98.0 ، 98.5؛
تىرەش نۇقتىسى: 92.20 ، 92.0 ، 91.20 ، 91.0 ، 90.0 ، 89.50؛

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ .قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.