-2025يىلى11- ئاينىڭ 03- كۈندىكى كۈمۈش سودا خۇلاسىسى

ilkan_3 2025-11-03 11:52:08

\

ئاساسى ئانالىز
ئۆتكەن ھەپتىدە ئالتۇن باھاسىدا تەڭشىلىش ۋەزىيىتى داۋاملاشقان، ئۆتكەن سەيشەنبە (10-ئاينىڭ 28-كۈنى) ئەڭ تۆۋەن باھا 3886 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى يېڭى رېكورتنى ياراتقان. ھالبۇكى، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلىگەن، گەرچە ئۆتكەن جۈمە (10-ئاينىڭ 31-كۈنى) نەق مال ئالتۇن باھاسى ئازراق تۆۋەنلەپ، % 0.5 چۈشۈپ، ھەر ئۇنسىيەسى 4002.94 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئاياغلاشقان بولسىمۇ، لېكىن 10-ئايدا ئالتۇن باھاسى جەمئىي% 3.7 ئۆرلەپ، ئۇدا ئۈچىنچى ئاي ئۆرلەشنى ئىشقا ئاشۇرغان. ئۆتكەن جۈمە كۈنى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ نۇرغۇن ئەمەلدارى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش توغىرىسدا سۆزى قىلغان، بۇنىىڭ بىلەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 12-ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئېھتىماللىقى يەنە بىر قېتىم تۆۋەنلەپ، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى يېقىنقى ئۈچ ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى يېڭىلاپ، ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن. لېكىن بازاردا قاراپ بېقىش كەيپىياتى بىر قەدەر قويۇق بولغان. چۈنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تارىختىكى ئەڭ ئۇزاق ۋاقىتقا يېقىنلىشىپ توختاپ قالغان، خەلقئارا جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەت يەنىلا داۋالغۇپ، يەنىلا ئالتۇن باھاسىنى تىرەك بىلەن تەمىنلىگەن.
ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، شىمالىي ئامېرىكا رايونىدا يەكشەنبە (11-ئاينىڭ 2-كۈنى) دىن باشلاپ قىشلىق ۋاقىت رەسمىي يولغا قويۇلغاندا، ئامېرىكا ۋە كانادا پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى ئاساسلىق سودا تۈرلىرى، مەسىلەن، ئالتۇن-كۈمۈش، ئامېرىكا نېفىتى، ئامېرىكا پاي چېكىنىڭ سودا ۋاقتى ھەمدە مۇھىم ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىش ۋاقتى يازلىق ۋاقىتتىن بىر سائەت ئومۇميۈزلۈك كەينىگە سۈرۈلىدىكەن.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. جۈمە كۈنى ئاسىيا-ياۋروپا بازىرىدا كۈمۈشنى 48.60-48.65 دىكى تىرەش نۇقتىلاردىن چۈشەلمىسە ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 49.0-49.20 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ 48.71 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 49.30 ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ئومۇمەن، جۈمە كۈنى كۈمۈش سودا پىلانى بويىچە 59 نۇقتا ئەتراپىدا زىيان شەكىللەندى. جۈمە كۈنى كۈمۈش باھاسى ئۆسۈشنى ئاساس قىلدى؛
2.بۈگۈن كۈمۈشنى سودا قىلغاندا يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلىمىز؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ؛
دىققەت قىلدىغان نۇقتىلىرى: توسالغۇ نۇقتىسى: 48.80,49.0,49.21,49.30,49.45,49.50؛ تىرەش نۇقتىسى: 48.50,48.20,48.0,47.92,47.75,47.50؛
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ .قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.