-2025يىلى5- ئاينىڭ 9- كۈندىكى كۈمۈش سودا خۇلاسىسى

ilkan_2 2025-05-09 12:10:03

\

ئاساسىي ئانالىز
جۈمە كۈنى ( 5 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى ) ئاسىيا سودا بازىرىنىڭ كۈمۈش باھاسى بازار ئېچىلىش باھاسى 32.43 دوللار ئەتراپىدا بولدى، تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىشنىڭ تىرىكىگە ئۇچرىدى. ئالتۇن پەيشەنبە كۈنى داۋاملىق چۈشۈپ،% 2 كە يېقىن تۆۋەنلىدى، نەق مال ئالتۇن بازىرىدا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 3288.72 دوللار/ئۇنسىيەگە چۈشۈپ، 3305.70 دوللار/ئۇنسىيەدە بازار يېپىلدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئەنگلىيە بىلەن سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بۇ خىل كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈمىدىنى ئاشۇرۇپ، بازاردىكى جىددىيلىشىش كەيپىياتىنى پەسەيتتى، ئالتۇننىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش بازىرىنى سېتىۋېلىشى پەسلەپ، ئامېرىكا دوللىرى، ئامېرىكا پاي چېكى ۋە ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى ئۆرلىدى، شۇنداقلا ئالتۇن باھاسىنىڭ يۈزلىنىشىنى باستى.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1.چارشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا چۈشۈش جەريانىدا 32.70-32.65-32.60 ئارىسىدىكى باھالاردا تېرەش بار ھەمدە بۇ تېرەشلەرنىڭ ئارلىقى يېقىن،شۇڭا بۇ ئەتراپتا ئۆسۈشكە ئالساق بولىدۇ،پايدىسىنى ئايرىم ئايرىم ھالدا 32.85-32.93-33.00 دىكى توسالغۇ رايونىغىچە كۆرىمىز دېگەن، ئۆسۈشكە ئالىدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمىدى،شۇڭا پايدا زىيان شەكىللەنمىدى.


2.بۈگۈن كۈمۈشنى سودا قىلغاندا يۇقىرى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ؛


ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى؛ 13958.74

يۇقىرىقى توسالغۇ نۇقتىسى؛ 32.43,32.52,32.70,32.76,32.90,33.0

تۆۋەنكى تىرەش نۇقتىسى: 32.11,32.0,31.92,31.85,31.68,31.63,31.50

مۇتەخەسسىس : ئالىيە


ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.