-2025يىلى3- ئاينىڭ 13- كۈندىكى كۈمۈش سودا خۇلاسىسى

ilkan_2 2025-03-13 13:05:56

\

ئاساسىي ئانالىز


پەيشەنبە ( 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ) ئاسىيا سودا بازىرىدا نەق مال كۈمۈش يېقىنقى ئىككى ھەپتىلىك يۇقىرى باھادا تەۋرىنىىپ تۇردى، نۆۋەتتە سودا سوممىسى 33.23 دوللار/ئۇنسىيە ئەتراپىدا تەۋرەندى. ئامېرىكىدا 2-ئايدا ئىستېمال باھاسىنىڭ ئېشىشى ئاستىلىغاچقا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 6-ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىدىن ئۈمىد بار ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ترامپ مېتال تاموژنا بېجى ئېلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ياۋروپا قارشىلىق ھەرىكىتى قوللىنىپ، خەتەردىن ساقلىنىش ئېھتىياجى يەنە بىر قېتىم ئالتۇن باھاسىنى تېرەش بىلەن تەمىنلەپ، چارشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ 20 دوللارغا يېقىن ئۆرلىشىگە ياردەم بەرگەن، بازاردا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2940.34 دوللار/ئۇنسىيەگە چېقىپ، تارىختىكى يۇقىرى نۇقتا سەل تۆۋەنلەپ، 2933.18 ئامېرىكا دوللىرى/ئۇنسىيە بولغان.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە


1.چارشەنبە كۈنى ئاسىيا ياۋروپا بازىرىدا كۈمۈشنى 32.67 دىكى تېرەشنى بۇزالىغان ئەھۋالدا ئۆسۈشكە ،ئۆسۈش جەريانىدا 32.84 دىكى توسالغۇنى بۇزالمىغان ئەھۋالدا چۈشۈشكە، چۈشۈش جەريانىدا32.67 نى بۇزالىسا 32.45 دىكى تېرەش ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئالىمىز دېگەن، 32.68 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ 33.05 ئەتراپىدىن چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى ، ئومۇمەن ئاسىيا ياۋروپا بازىرىدا كۈمۈشتىن 37 دوللار پايدا شەكىللەندى.

2.بۈگۈن كۈمۈشنى سودا قىلغاندا يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ؛

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى؛ 13515.85

يۇقىرىقى توسالغۇ نۇقتىسى؛ 33.30,33.40,33.51,33.67,33.75

تۆۋەنكى تىرەش نۇقتىسى؛ 33.0,32.90,32.80,32.70,32.62,32.50,32.22

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.