2025-يىلى2-ئاينىڭ 12 -كۈندىكى كۈمۈش سودا خۇلاسىسى

ilkan_2 2025-02-12 12:01:35

\

ئاساسىي ئانالىز

چارشەنبە ( 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ) ئاسىيا بازىرىدا نەق مال كۈمۈش تار دائىرىدە داۋالغۇپ ، نۆۋەتتە سودا سوممىسى 31.90 دوللار/ئۇنسىيە ئەتراپىدا بولۇپ، كۈمۈش باھاسى سەيشەنبە كۈنى ئۆرلەپ تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ سەۋەبى مەبلەغ سالغۇچىلار ئالتۇن باھاسىدا تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغاندىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن پايدىغا ئېرىشكەن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى پارلامېنت گۇۋاھلىق سۆزىدە ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىشكە ئالدىرىمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئالتۇن باھاسىغا بېسىم شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ يېڭى تاموژنا بېجى تەدبىرىنىڭ يەر شارىۋى سودا توقۇنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرىگەچكە، مەبلەغ سالغۇچىلار يەنىلا ئالتۇن باھاسىنى ئۆستۈرىدۇ دەپ قارىغان.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە

1.سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا ياۋروپا بازىرىدا كۈمۈشنى 32.25-32.32 ئەتراپىدىكى توسالغۇنى بۇزالمىغان ئەھۋالدا چۈشۈشكە، چۈشۈش جەرياندا 31.80 دىكى تىرەشنى بۇزالمىغان ئەھۋالدا ئۆسۈشكە ئالىمىز دېگەن، چۈشۈشكە كىرىدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمەيلا پايدا رايونىغا يىتىپ كەتتى، ھەمدە 31.80 دىكى تىرەشنى بۇزۇپ ئۆسۈشكە ئېلىشقا پۇرسەت بەرمىدى، ئاسىيا ياۋروپا بازىرىدا كۈمۈشتىن پايدا زىيان شەكىللەنمىدى.

2.بۈگۈن كۈمۈشنى سودا قىلغاندا يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ؛

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى؛13604.71

يۇقىرىقى توسالغۇ نۇقتىسى ؛ 31.86,32.0 ,32.23,32.40,32.52,32.64

تۆۋەنكى تىرەش نۇقتىسى ؛ 31.60,31.45,31.30,31.10,31.0

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.